< يەشايا 35 >
ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛ چۆل-باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛ | 1 |
Ekĝojos la dezerto kaj la senakvejo, triumfos la stepo kaj ekfloros kiel lilio.
ئۇ بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەيدۇ، شادلىققا شادلىق قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى، خۇدايىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرىدۇ. | 2 |
Ĝi forte ekfloros kaj triumfos, triumfos kaj kantos; la gloro de Lebanon estos donita al ĝi, la beleco de Karmel kaj Ŝaron; ili vidos la gloron de la Eternulo, la majeston de nia Dio.
ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار، | 3 |
Fortigu la senfortiĝintajn manojn, kaj fortikigu la ŝanceliĝantajn genuojn.
يۈرىكى ئاغقانلارغا: ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ! | 4 |
Diru al tiuj, kiuj estas senkuraĝigitaj en la koro: Tenu vin forte, ne timu; jen estas via Dio! venos venĝo, repago de Dio; Li mem venos kaj helpos vin.
ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ، | 5 |
Tiam malkovriĝos la okuloj de la blinduloj, kaj la oreloj de la surduloj malfermiĝos.
ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى دالادا سۇلار، چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛ | 6 |
Tiam la lamulo eksaltos kiel cervo, kaj la lango de la mutulo ekkantos; ĉar en la dezerto elfendiĝos akvo kaj en la stepo riveroj.
پىژغىرىن چۆل-جەزىرە كۆلچەككە، چاڭقىغان يەرلەر بۇلاقلارغا ئايلىنىدۇ؛ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى ــ ئۇلار ياتقان جاي، قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ، چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ. | 7 |
Kaj la fantoma lago fariĝos reala, kaj la tero senakva fariĝos fonto de akvo; la loĝloko de ŝakaloj fariĝos loko por kano kaj junko.
شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛ | 8 |
Kaj estos tie irejo kaj vojo, kaj ĝi estos nomata Vojo Sankta; malpurulo ne iros sur ĝi, ĉar nur al ili ĝi apartenas; irante sur tiu vojo, eĉ malsaĝuloj ne eraros.
شۇ يەردە شىر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ) ــ نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ! | 9 |
Ne estos tie leono, kaj rabobesto ne aperos sur ĝi, ne troviĝos tie; iros nur savitoj.
پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. | 10 |
Kaj la elaĉetitoj de la Eternulo revenos kaj iros sur Cionon kun kantado, kaj ĝojo eterna estos super ilia kapo; ĝojon kaj gajecon ili atingos, kaj forflugos afliktoj kaj ĝemado.