< يەشايا 34 >
يېقىن كېلىڭلار، ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار! ئى قوۋم-خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار، جىمى ئالەم ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەممە مەۋجۇداتلار، تىڭشاڭلار! | 1 |
Muntwiw mmɛn, mo amanaman, na muntie; monyɛ aso, mo ɔmanfo! Momma asase ne nea ɛwɔ so nyinaa ntie, wiase ne nea efi mu ba nyinaa!
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار، ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان، ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛ | 2 |
Awurade bo afuw amanaman nyinaa; nʼabufuwhyew no tia wɔn asraafo nyinaa. Ɔbɛsɛe wɔn pasaa, ɔbɛma wɔakunkum wɔn.
ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ، جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛ | 3 |
Wɔbɛtow wɔn mu atɔfo no agu, wɔn afunu no beyi hua; wɔn mogya afɔw mmepɔw no.
ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ، ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛ ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك، يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك، ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛ | 4 |
Ɔsoro nsoromma nyinaa bɛyera na wɔbɛbobɔw ɔsoro te sɛ nhoma mmobɔwee; ɔsoro atumfo bɛhwe ase sɛnea nhaban tew fi bobe so, sɛnea mman a awo pan fi borɔdɔma dua ho.
چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا [قان بىلەن] سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛ | 5 |
Mʼafoa anom nea ɛmee no no wɔ ɔsoro; hwɛ, ɛresian de atemmu aba Edom so, wɔn a masɛe wɔn koraa no.
پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛ ئۇ قانغا بويالدى؛ ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى، ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار. | 6 |
Mogya aguare Awurade afoa ho, wɔde srade asra ho, nguantenmma ne mmirekyi mogya, adwennini asaabo mu srade. Awurade wɔ afɔre bi bɔ wɔ Bosra ne okum kɛse wɔ Edom.
مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار، تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ، توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ. | 7 |
Anantwi anuɔdenfo ne wɔn bɛtotɔ, anantwinini nketewa ne akɛse. Mogya afɔw wɔn asase no, na srade ayɛ so dɔte no sɔkyee.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى، زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار. | 8 |
Na Awurade wɔ aweretɔ da ananmuhyɛ afe, a obedi ama Sion.
[ئېدومدىكى] ئېقىنلار قارىمايغا، ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ. | 9 |
Edom nsuwansuwa bɛdan agodibea, ne dɔte bɛdan sufre a ɛdɛw nʼasase bɛyɛ agoprama a ɛdɛw!
ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛ ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛ ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ. | 10 |
Ɛrennum awia anaa anadwo; ne wusiw befi a ɛto rentwa da. Ɛbɛda mpan fi awo ntoatoaso akosi awo ntoatoaso; obiara remfa ho bio koraa.
چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛ خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى، ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ. | 11 |
Nweatam so patu ne ɔbonsamnoma begye hɔ afa; patu ne kwaakwaadabi bɛtena hɔ. Onyankopɔn bɛtwe wɔ Edom so basabasayɛ susuhama ne amamfoyɛ kirebennyɛ susudua.
بىرسى كېلىپ [ئېدومنىڭ] ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى [ئىدارە قىلىشقا] چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەمىرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ. | 12 |
Nʼatitiriw rennya biribiara a ɛbɛma wɔafrɛ no ahenni, nʼahenemma mmarima nyinaa betu ayera.
ئوردىلىرىدا تىكەنلەر، قەلئە-قورغانلىرىدا چاققاق-جىغانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ ئۇ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى، «ھۇۋقۇشلارنىڭ ئوردىسى» بولىدۇ. | 13 |
Nsɔe begye nʼabankɛse afa, nsansono ne nsɔe befuw wɔ nʼabankɛse hɔ. Hɔ bɛyɛ adompo atu, ne mpatu tenabea.
شۇ يەردە چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار، ياۋايى ئىتلار جەم بولىدۇ؛ ھەربىر «ئۆچكە جىن» ئۆز قېرىندىشىغا توۋلايدۇ؛ تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ئارامگاھ قىلىپ تۇرىدۇ. | 14 |
Nweatam so mmoa ne mpataku behyia adi afra, mmirekyi anuɔdenfo besu akyerɛ wɔn ho wɔn ho; hɔ na anadwommoa bɛdeda na wɔde ayɛ wɔn homebea.
«ئوق يىلان» شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدە تۇخۇملايدۇ، بالىلىرىنى يىغىپ باقىدۇ. قورۇلتاز-تاپقۇشلار ھەربىرى ئۆز جۈپى بىلەن شۇ يەردە توپلىنىدۇ؛ | 15 |
Ɛhɔ na patu bɛyɛ ne berebuw, na watow ne nkesua. Obesow ne mma, na ɔde ne ntaban akata wɔn so; ɛhɔ na nkorɔma bɛboaboa wɔn ho ano, obiara ne nea ɔka ne ho.
پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابىدىن ئىزدەپ ئوقۇپ باققىن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى چۈشۈپ قالمايدۇ؛ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز جورىسى كەم بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان؛ ئۇنىڭ ئۆز روھى ئۇلارنى توپلىغان. | 16 |
Hwɛ Awurade nhoma mmobɔwee no mu, na kenkan: Eyinom mu biara renyera, obiara benya nea ɔka ne ho. Efisɛ nʼanom na ɔhyɛ asɛm no fi, na ne honhom bɛboaboa wɔn ano.
چۈنكى [پەرۋەردىگار] ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ئۆز قولى بىلەن زېمىنغا تانا تارتىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛ ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ. | 17 |
Ɔde wɔn kyɛfa ma wɔn; ɔde ne nsa yɛ susudua kyekyɛ. Wɔbɛfa no sɛ wɔn de afebɔɔ na wofi awo ntoatoaso akosi awo ntoatoaso atena hɔ.