< يەشايا 32 >

مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛ ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ. 1
Voici, un roi régnera en justice, et des princes domineront avec droiture;
ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك، بورانغا پاناھ بولغۇدەك، قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك، چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ. 2
et il y aura un homme [qui sera] comme une protection contre le vent et un abri contre l’orage, comme des ruisseaux d’eau dans un lieu sec, comme l’ombre d’un grand rocher dans un pays aride.
شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ، ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛ 3
Et les yeux de ceux qui voient ne seront pas aveuglés, et les oreilles de ceux qui entendent écouteront,
بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ، كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ. 4
et le cœur de ceux qui vont étourdiment sera intelligent dans la connaissance, et la langue de ceux qui bégaient parlera promptement et clairement.
پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ، 5
L’homme vil ne sera plus appelé noble, et on ne dira pas l’avare généreux.
چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ، ئىپلاسلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە، ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا، چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ. 6
Car l’homme vil dira des choses viles, et son cœur commettra l’iniquité pour pratiquer l’impiété et pour dire l’erreur contre l’Éternel, pour rendre vide l’âme qui a faim et ôter la boisson à celui qui a soif.
بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ. 7
Les armes de l’avare sont mauvaises; il trame des artifices pour détruire les débonnaires par des dires mensongers, même quand le pauvre parle droitement.
پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ. 8
Mais l’homme noble se propose des choses nobles, et il se maintiendra par des choses nobles.
ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 9
Levez-vous, femmes qui êtes à votre aise, écoutez ma voix; vous filles qui vivez en sécurité, prêtez l’oreille à ce que je dis:
بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار، پاراكەندە قىلىنىسىلەر! چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ، مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ. 10
Dans un an et des jours vous serez agitées, vous qui êtes en sécurité; car c’en est fait de la vendange, la récolte ne viendra pas.
ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار! كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار! 11
Tremblez, vous femmes qui êtes à votre aise; soyez agitées, vous qui vivez en sécurité. Dépouillez-vous, et mettez-vous nues, et ceignez [le sac] sur vos reins.
گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن، مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار! 12
On se frappe la poitrine à cause des champs agréables, à cause des vignes fertiles.
ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن، شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار! 13
Sur la terre de mon peuple croissent des épines et des ronces, même sur toutes les maisons de délices de la cité joyeuse.
چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ، ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ، ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان، قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ. 14
Car le palais est délaissé, le tumulte de la ville est abandonné. Ophel et la tour de la sentinelle seront des cavernes pour toujours, les délices des ânes sauvages, un pâturage des troupeaux,
تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ. 15
jusqu’à ce que l’Esprit soit répandu d’en haut sur nous, et que le désert devienne un champ fertile, et que le champ fertile soit réputé une forêt.
شۇ چاغدا ئادالەت دالانى، ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ. 16
Et la droiture demeurera dans le désert, et la justice habitera le champ fertile;
ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ، خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ. 17
et l’œuvre de la justice sera la paix, et le travail de la justice, repos et sécurité à toujours.
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا، ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ. 18
Et mon peuple habitera une demeure de paix et des habitations sûres, et des lieux de repos tranquilles.
ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ، شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ، 19
Et la grêle tombera sur la forêt, et la ville sera abaissée dans un lieu bas.
سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر! 20
Bienheureux, vous qui semez près de toutes les eaux, envoyant [partout] le pied du bœuf et de l’âne!

< يەشايا 32 >