< يەشايا 32 >
مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛ ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ. | 1 |
Se, en Konge skal herske med Retfærd, Fyrster styre med Ret,
ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك، بورانغا پاناھ بولغۇدەك، قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك، چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ. | 2 |
hver af dem som Læ imod Storm og Ly imod Regnskyl, som Bække i Ørk, som en vældig Klippes Skygge i tørstende Land.
شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ، ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛ | 3 |
De seendes Øjne skal ej være blinde, de hørendes Ører skal lytte;
بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ، كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ. | 4 |
letsindiges Hjerte skal nemme Kundskab, stammendes Tunge tale flydende, rent.
پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ، | 5 |
Dåren skal ikke mer kaldes ædel, højsindet ikke Skalken.
چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ، ئىپلاسلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە، ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا، چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ. | 6 |
Thi Dåren taler kun Dårskab, hans Hjerte udtænker Uret for at øve Niddingsværk og prædike Frafald fra HERREN, lade den sultne være tom og den tørstige mangle Vand.
بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ. | 7 |
Skalkens Midler er onde, han oplægger lumske Råd for at ødelægge arme med Løgn, skønt Fattigmand godtgør sin Ret.
پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ. | 8 |
Men den ædle har ædelt for og står fast i, hvad ædelt er.
ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! | 9 |
Op, hør min Røst, I sorgløse Kvinder, I trygge Døtre, lyt til min Tale!
بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار، پاراكەندە قىلىنىسىلەر! چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ، مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ. | 10 |
Om År og Dag skal I trygge skælve, thi med Vinhøst er det ude, der kommer ej Frugthøst.
ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار! كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار! | 11 |
Bæv, I sorgløse, skælv, I trygge, klæd jer af og blot jer, bind Sæk om Lænd;
گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن، مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار! | 12 |
slå jer for Brystet og klag over yndige Marker, frugtbare Vinstokke,
ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن، شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار! | 13 |
mit Folks med Tidseltorn dækkede Jord, ja, hvert Glædens Hus, den jublende By!
چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ، ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ، ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان، قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ. | 14 |
Thi Paladset er øde, Bylarmen standset, Ofel med Tårnet en Grushob for evigt, Vildæslers Fryd, en Græsgang for Hjorde -
تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ. | 15 |
til Ånd fra det høje udgydes over os. Da bliver Ørkenen til Frugthave, Frugthaven regnes for Skov.
شۇ چاغدا ئادالەت دالانى، ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ. | 16 |
Ret fæster Bo i Ørkenen, i Frugthaven dvæler Retfærd;
ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ، خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ. | 17 |
Retfærds Frugt bliver Fred og Rettens Vinding Tryghed for evigt.
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا، ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ. | 18 |
Da bor mit Folk i Fredens Hjem, i trygge Boliger, sorgfri Pauluner.
ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ، شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ، | 19 |
Skoven styrter helt, Byen bøjes dybt.
سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر! | 20 |
Salige I, som sår ved alle Vande, lader Okse og Æsel frit løbe om!