< يەشايا 30 >
«ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، - «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛ ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ. | 1 |
«Asiy oƣullarning ǝⱨwaliƣa way!» — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — «Ular pilanlarni tüzmǝkqi, biraⱪ Mǝndin almaydu; Ular mudapiǝ tosuⱪini bǝrpa ⱪilidu, Biraⱪ u Mening Roⱨim ǝmǝs; Xundaⱪ ⱪilip ular gunaⱨi üstigǝ gunaⱨ ⱪoxuwalidu.
ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛ پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ، مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە! | 2 |
Ular Mǝndin ⱨeq sorimayla Misirƣa yol aldi; Pirǝwnning ⱪaniti astidin panaⱨ izdǝp, Misirning sayisigǝ ixinip tayinidu yǝnǝ!
چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ. مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ. | 3 |
Qünki Pirǝwnning ⱪaniti bolsa silǝrni yǝrgǝ taxlap lǝt ⱪilidu. Misirning sayisigǝ ixinip tayinix silǝrgǝ bax ⱪetimqiliⱪ bolidu.
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ، | 4 |
Pirǝwnning ǝmirliri Zoan xǝⱨiridǝ bolsimu, Uning ǝlqiliri Ⱨanǝs xǝⱨirigǝ ⱨǝrdaim kelip tursimu,
ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان، ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان، بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان، ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. | 5 |
Awam ⱨǝmmisi ɵzigǝ paydisi bolmaydiƣan, Ⱨeq yardimi wǝ paydisi tǝgmǝydiƣan, Bǝlki lǝt ⱪilip yǝrgǝ taxlaydiƣan, Ⱨǝtta rǝswa ⱪilidiƣan bir hǝlⱪtin nomus ⱪilidiƣan bolidu.
نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار، چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛ ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە، گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ، ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. | 6 |
Nǝgǝwdiki ulaƣlar toƣrisida yüklǝngǝn wǝⱨiy: — Ular japaliⱪ, dǝrd-ǝlǝmlik zemindin ɵtidu; Xu yǝrdin qixi xirlar wǝ ǝrkǝk xirlar, Qar yilan wǝ wǝⱨxiy uqar yilanmu qiⱪidu; Ular bayliⱪlirini exǝklǝrning dümbisigǝ, Gɵⱨǝrlirini tɵgǝ lokkiliriƣa yüklǝp, Ɵzlirigǝ ⱨeq payda yǝtküzmǝydiƣan bir hǝlⱪning yeniƣa kɵtürüp baridu.
مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر! شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن. | 7 |
Misir!? Ularning yardimi bikar ⱨǝm ⱪuruⱪtur! Xunga Mǝn uni: «Ⱨeqnemini ⱪilip bǝrmǝydiƣan Raⱨab» dǝp atiƣanmǝn.
ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن. | 8 |
— Əmdi bu sɵzning kǝlgüsi zamanlar üqün, Guwaⱨliⱪ süpitidǝ ǝbǝdil’ǝbǝdgǝ turuwerixi üqün, Ⱨazir berip buni ⱨǝm tax tahtiƣa ⱨǝm yɵgimǝ kitabⱪa yezip ⱪoyƣin.
چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر. | 9 |
Qünki bular bolsa asiy bir hǝlⱪ, Naǝⱨli oƣullar, Pǝrwǝrdigarning Tǝwrat-tǝrbiyisini anglaxni halimaydiƣan oƣullardur.
ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛ | 10 |
Ular aldin kɵrgüqilǝrgǝ: — «Wǝⱨiyni kɵrmǝnglar!», Wǝ pǝyƣǝmbǝrlǝrgǝ: «Bizgǝ toƣra bexarǝtlǝrni kɵrsǝtmǝnglar; Bizgǝ adǝmni azadǝ ⱪilidiƣan, yalƣan bexarǝtlǝrni kɵrsitinglar;
سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ. | 11 |
Sǝnlǝr [durus] yoldin qiⱪix, Toƣra tǝriⱪidin ayrilix! Israildiki Muⱪǝddǝs Bolƣuqini aldimizdin yoⱪ ⱪilix!» — dǝydu.
ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، | 12 |
— Əmdi Israildiki Muⱪǝddǝs Bolƣuqi mundaⱪ dǝydu: — «Qünki silǝr muxu hǝwǝrni qǝtkǝ ⱪeⱪip, Zulumni yɵlǝnqük ⱪilip, burmilanƣan yolƣa tayanƣininglar tüpǝylidin,
شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ | 13 |
Xunga muxu ⱪǝbiⱨlik silǝrgǝ egiz tamning bir yeriⱪidǝk bolidu, Tam pultiyip ⱪalƣanda, u biraⱪla uni qeⱪiwetidu;
خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك، باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ». | 14 |
Huddi sapal qinǝ ⱨeq ayimay qeⱪiwetilgǝndǝk U uni qeⱪiwetidu; Uningdin ⱨǝtta oqaⱪtin qoƣ alƣudǝk, Baktin su usⱪudǝk birǝr parqisimu ⱪalmaydu».
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر. | 15 |
Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar, Israildiki Muⱪǝddǝs Bolƣuqi mundaⱪ dǝydu: — «Yenimƣa towa bilǝn ⱪaytip kelip aram tapisilǝr, ⱪutⱪuzulisilǝr; Hatirjǝmliktǝ ⱨǝm aman-esǝnliktǝ küq alisilǝr!», — Biraⱪ silǝr rǝt ⱪilƣansilǝr.
سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار، شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر! ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛ ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ. | 16 |
Silǝr: — «Yaⱪ, biz atlarƣa minip ⱪaqimiz» — dedinglar, Xunga silǝr rast ⱪaqisilǝr! Wǝ «Biz qapⱪur ulaƣlarƣa minip ketimiz» — dedinglar; — Xunga silǝrni ⱪoƣliƣuqilarmu qapⱪur bolidu.
مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە [ھەممىڭلار] قاچىسىلەر؛ قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك، دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر. | 17 |
Minginglar birining wǝⱨimisidin ⱪaqisilǝr; Bǝxining wǝⱨimisidǝ [ⱨǝmminglar] ⱪaqisilǝr; Ⱪeqip, taƣ üstidiki yeganǝ bayraⱪ hadisidǝk, Dɵng üstidiki tuƣdǝk ⱪalisilǝr.
ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر! | 18 |
Wǝ xunga silǝrgǝ meⱨir-xǝpⱪǝt kɵrsitimǝn dǝp, Pǝrwǝrdigar kütidu; Xunga U silǝrgǝ rǝⱨim ⱪilimǝn dǝp ornidin ⱪozƣilidu; Qünki Pǝrwǝrdigar ⱨɵküm-ⱨǝⱪiⱪǝt qiⱪarƣuqi Hudadur; Uni kütkǝnlǝrning ⱨǝmmisi bǝhtliktur!
چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ. | 19 |
Qünki halayiⱪ yǝnila Zionda, yǝni Yerusalemda turidu; Xu qaƣda silǝr yǝnǝ ⱨeq yiƣlimaysilǝr; Kɵtürgǝn nalǝngdǝ U Ɵzini sanga intayin xǝpⱪǝtlik kɵrsitidu; U nalǝngni anglisila, jawab beridu.
رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛ | 20 |
Rǝb silǝrgǝ nan üqün müxküllükni, Su üqün azab-oⱪubǝtni bǝrsimu, Xu qaƣda sening Ustazing yǝnǝ yoxuruniwǝrmǝydu, Bǝlki kɵzüng Ustazingni kɵridu;
سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن. | 21 |
Silǝr ong tǝrǝpkǝ burulsanglar, Yaki sol tǝrǝpkǝ burulsanglar, Ⱪuliⱪing kǝyningdin: — «Yol mana muxu, uningda menginglar!» degǝn bir awazni anglaysǝn.
شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر. | 22 |
Xu qaƣda silǝr oyulƣan mǝbudliringlarƣa berilgǝn kümüx ⱨǝlgǝ, Ⱪuyma mǝbudliringlarƣa berilgǝn altun ⱨǝlgimu daƣ tǝgküzisilǝr; Silǝr ularni adǝt latisini taxliƣandǝk taxliwetip: — «Neri tur» — dǝysilǝr.
ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛ يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛ شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛ | 23 |
U sǝn teriydiƣan uruⱪung üqün yamƣur ǝwǝtidu; Yǝrdin qiⱪidiƣan axliⱪ-mǝⱨsulat ⱨǝm küq-ⱪuwwǝtlik ⱨǝm mol bolidu; Xu küni malliring kǝng-azadǝ yaylaⱪlarda yaylaydu;
يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا، گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ. | 24 |
Yǝr ⱨǝydigǝn kala wǝ exǝklǝr bolsa, Gürjǝk wǝ ara bilǝn soruƣan, tuzlanƣan ⱨǝlǝp yǝydu.
چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ. | 25 |
Qong ⱪirƣinqiliⱪ bolƣan küni, Yǝni munarlar ɵrülgǝn küni, Ⱨǝrbir uluƣ taƣda wǝ ⱨǝrbir egiz dɵngdǝ bolsa, Ənⱨarlar wǝ eriⱪlar bolidu.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ. | 26 |
Pǝrwǝrdigar Ɵz hǝlⱪining jaraⱨitini tangidiƣan, Ularning ⱪamqa yarisini saⱪaytⱪan xu künidǝ, Ay xolisi ⱪuyax nuridǝk bolidu, Ⱪuyax nuri bolsa yǝttǝ ⱨǝssǝ küqlük bolidu, Yǝni yǝttǝ kündiki nurƣa barawǝr bolidu.
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ، قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ، تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ. | 27 |
Mana, Pǝrwǝrdigarning nami yiraⱪtin kelidu, Uning ⱪǝⱨri yalⱪunlinip, Ⱪoyuⱪ is-tütǝkliri kɵtürülidu; Lǝwliri ƣǝzǝpkǝ tolup, Tili yutuwalƣuqi yanƣin ottǝk bolidu.
ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ، شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ. | 28 |
Uning nǝpǝsi huddi texip boyunƣa yetidiƣan kǝlkündǝk bolidu, Xuning bilǝn U ǝllǝrni bimǝnilikni yoⱪatⱪuqi ƣǝlwir bilǝn tasⱪaydu, Xundaⱪla hǝlⱪ-millǝtlǝrning aƣziƣa ularni azduridiƣan yügǝn salidu.
مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ. | 29 |
Muⱪǝddǝs bir ⱨeyt ɵtküzülgǝn keqidikidǝk, kɵnglünglardin nahxa urƣup qiⱪidu, Israilƣa uyultax bolƣan Pǝrwǝrdigarning teƣiƣa nǝy nawasi bilǝn qiⱪⱪan birsining huxalliⱪidǝk, kɵnglünglar huxal bolidu.
پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛ ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ. | 30 |
Pǝrwǝrdigar ⱨǝywǝtlik awazini yangritidu; U ⱪayniƣan ⱪǝⱨri, yutuwalƣuqi yalⱪunluⱪ ot, güldürmamiliⱪ yamƣur, boran-xawⱪun, mɵldürlǝr bilǝn Ɵz bilikini sozup kɵrsitidu.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى [بولغان ئاسۇرىيە] يانجىلىدۇ! | 31 |
Qünki Pǝrwǝrdigarning awazi bilǝn Asuriyǝ yanjilidu, — Baxⱪilarni urux tayiⱪi [bolƣan Asuriyǝ] yanjilidu!
ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا، بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛ ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. | 32 |
Wǝ Pǝrwǝrdigar tǝyyarliƣan kaltǝk bilǝn ⱨǝr ⱪetim uni urƣanda, Buningƣa daplar ⱨǝm qiltarlar tǝngkǝx ⱪilinidu; U ⱪolini oynitip zǝrb ⱪilip uning bilǝn kürǝx ⱪilidu.
چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛ بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان، [پەرۋەردىگار] ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛ ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار، پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ. | 33 |
Qünki Tofǝt ⱪǝdimdin tartip tǝyyar turƣanidi; Bǝrⱨǝⱪ, padixaⱨ üqün tǝyyarlanƣan; [Pǝrwǝrdigar] uni qongⱪur ⱨǝm kǝng ⱪilƣan; Otunliri kɵp yalⱪunluⱪ bir gülhan bar, Pǝrwǝrdigarning nǝpǝsi bolsa günggürt eⱪimidǝk uni tutaxturidu.