< يەشايا 28 >
ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي! مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان، يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي! ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار! | 1 |
Əfraimdiki mǝyhorlarning bexidiki tǝkǝbburluⱪ bilǝn taⱪiwalƣan güllük tajiƣa way! Munbǝt jilƣining bexiƣa taⱪiwalƣan, Yǝni ularning solixip ⱪalƣan «pǝhri» bolƣan güligǝ way! I xarabning ǝsiri bolƣanlar!
مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛ ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك، دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك، ئەشەددىيلەرچە [تاجنى] يەرگە ئۇرىدۇ. | 2 |
Mana, Rǝb bir küq wǝ ⱪudrǝt igisini ⱨazirlidi; U bolsa, mɵldürlük judun ⱨǝm wǝyran ⱪilƣuqi borandǝk, Dǝⱨxǝt bilǝn taxⱪan kǝlkün suliridǝk, Əxǝddiylǝrqǝ [tajni] yǝrgǝ uridu.
ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ | 3 |
Əfraimdiki mǝyhorlarning bexidiki tǝkǝbburluⱪ bilǝn taⱪiwalƣan güllük taji ayaƣ astida qǝylinidu;
ۋە مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىدا تاقىۋالغان، ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان سولىشىپ قالغان گۈلى بولسا، بالدۇر پىشقان ئەنجۈردەك بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەن كىشى كۆرۈپلا، قولىغا ئېلىپ كاپ ئېتىپ يۇتۇۋالىدۇ. | 4 |
Wǝ munbǝt jilƣining bexida taⱪiwalƣan, Ularning «pǝhri» bolƣan solixip ⱪalƣan güli bolsa, Baldur pixⱪan ǝnjürdǝk bolidu; Uni kɵrgǝn kixi kɵrüpla, Ⱪoliƣa elip kap etip yutuwalidu.
شۇ كۈنىدە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر تاج، شۇنداقلا كۆركەم بىر چەمبىرەك بولىدۇ. | 5 |
Xu künidǝ, samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar Ɵz hǝlⱪining ⱪaldisi üqün xǝrǝplik bir taj, Xundaⱪla kɵrkǝm bir qǝmbirǝk bolidu.
ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ. | 6 |
U yǝnǝ ⱨɵküm qiⱪirixⱪa olturƣanlarƣa toƣra ⱨɵküm qiⱪarƣuqi Roⱨ, Wǝ dǝrwazida jǝngni qekindürgüqigǝ küq bolidu.
بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛ | 7 |
Biraⱪ bularmu xarab arⱪiliⱪ hatalaxti, Ⱨaraⱪ bilǝn eziⱪip kǝtti: — Ⱨǝm kaⱨin ⱨǝm pǝyƣǝmbǝr ⱨaraⱪ arⱪiliⱪ eziⱪip kǝtti; Ular xarab tǝripidin yutuwelinƣan; Ular ⱨaraⱪ tüpǝylidin ǝlǝng-sǝlǝng bolup eziⱪip kǝtti; Ular aldin kɵrüxtin adaxti, Ⱨɵküm ⱪilixta eziⱪixti;
چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى. | 8 |
Qünki ⱨǝmmǝ dastihan box orun ⱪalmay ⱪusuⱪ wǝ nijasǝt bilǝn toldi.
«ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟ ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟» | 9 |
«U kimgǝ bilim ɵgǝtmǝkqidu? U zadi kimni muxu hǝwǝrni qüxinidiƣan ⱪilmaⱪqidu?»
ئېزىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟! چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ... | 10 |
Eƣizlandurulƣanlarƣa ǝmǝsmu?! Əmqǝktin ayrilƣan bowaⱪlarƣa ǝmǝsmu?! Qünki hǝwǝr bolsa wǝzmuwǝz, wǝzmuwǝzdur, Ⱪurmuⱪur, ⱪurmuⱪurdur, Bu yǝrdǝ azraⱪ, Xu yǝrdǝ azraⱪ bolidu...
چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ. | 11 |
Qünki duduⱪlaydiƣan lǝwlǝr wǝ yat bir til bilǝn U muxu hǝlⱪⱪǝ sɵz ⱪilidu.
ئۇ ئۇلارغا: ــ «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ دېگەن، بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان. | 12 |
U ularƣa: — «Mana, aram muxu yǝrdǝ, Ⱨali yoⱪlarni aram aldurunglar; Yengilinix muxudur» — degǝn, Biraⱪ ular ⱨeqnemini anglaxni halimiƣan.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا: ــ «ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر. مۇشۇ يەرگە ئازراق، شۇ يەرگە ئازراق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، سۇندۇرۇلۇپ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ. | 13 |
Xunga Pǝrwǝrdigarning sɵzi ularƣa: — «Wǝzmuwǝz, wǝzmuwǝzdur, Ⱪurmuⱪur, ⱪurmuⱪurdur. Muxu yǝrgǝ azraⱪ, Xu yǝrgǝ azraⱪ bolidu; Xuning bilǝn ular aldiƣa ketiwetip, Putlixip, ongda qüxidu, Sundurulup, Tuzaⱪⱪa qüxüp tutulup ⱪalidu.
ــ شۇڭا ھەي سىلەر مازاق قىلغۇچىلار، يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇشۇ خەلقنى ئىدارە قىلغۇچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار! | 14 |
— Xunga ⱨǝy silǝr mazaⱪ ⱪilƣuqilar, Yerusalemda turƣan muxu hǝlⱪni idarǝ ⱪilƣuqilar, Pǝrwǝrdigarning sɵzini anglap ⱪoyunglar!
چۈنكى سىلەر: ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛ چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق، يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار، (Sheol ) | 15 |
Qünki silǝr: — «Biz ɵlüm bilǝn ǝⱨdǝ tüzduⱪ, Tǝⱨtisara bilǝn billǝ bir kelixim bekittuⱪ; Ⱪamqa taxⱪindǝk ɵtüp kǝtkǝndǝ, U bizgǝ tǝgmǝydu; Qünki yalƣanqiliⱪni baxpanaⱨimiz ⱪilduⱪ, Yalƣan sɵzlǝr astida mɵkünüwalduⱪ» — dedinglar, (Sheol )
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ. | 16 |
Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Zionda ul bolux üqün bir Tax, Sinaⱪtin ɵtküzülgǝn bir tax, Ⱪimmǝtlik bir burjǝk texi, Ixǝnqlik ⱨǝm muⱪim ul texini salƣuqi Mǝn bolimǝn. Uningƣa ixinip tayanƣan kixi ⱨeq ⱨoduⱪmaydu, aldirimaydu.
ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن، ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛ مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ. | 17 |
Wǝ Mǝn adalǝtni ɵlqǝm tanisi ⱪilimǝn, Ⱨǝⱪⱪaniyliⱪni bolsa tik ɵlqigüq yip ⱪilimǝn; Mɵldür baxpanaⱨi bolƣan yalƣanqiliⱪni süpürüp taxlaydu, Wǝ kǝlkün mɵküwalƣan jayini texip ǝpketidu.
شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛ سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر. (Sheol ) | 18 |
Xuning bilǝn ɵlüm bilǝn tüzgǝn ǝⱨdǝnglar bikar ⱪiliwetilidu; Silǝrning tǝⱨtisara bilǝn bekitkǝn keliximinglar aⱪmaydu; Ⱪamqa taxⱪindǝk ɵtüp kǝtkǝndǝ, Silǝr uning bilǝn qǝyliwetilisilǝr. (Sheol )
ئۇ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا سىلەرنى تۇتىدۇ؛ ھەم سەھەر-سەھەرلەردە، ھەم كېچە-كۈندۈزلەردىمۇ ئۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋەھىمىگە چۈشۈش بولىدۇ. | 19 |
U ɵtüp ketixi bilǝnla silǝrni tutidu; Ⱨǝm sǝⱨǝr-sǝⱨǝrlǝrdǝ, Ⱨǝm keqǝ-kündüzlǝrdimu u ɵtüp turidu, Bu hǝwǝrni pǝⱪǝt anglap qüxinixning ɵzila wǝⱨimigǝ qüxüx bolidu.
چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ. | 20 |
Qünki kariwat sozulup yetixⱪa ⱪisⱪiliⱪ ⱪilidu, Yotⱪan bolsa adǝm tügülüp yatsimu tarliⱪ ⱪilidu.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى، يەنى ئۆزىنىڭ غەيرىي ئەمىلىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۆزىگە يات بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، پەرازىم تېغىدا تۇرغىنىدەك ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ گىبېئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلىنىدۇ؛ | 21 |
Qünki Pǝrwǝrdigar Ɵz ixini, Yǝni Ɵzining ƣǝyriy ǝmilini yürgüzüx üqün, Ɵzigǝ yat bolƣan ixni wujudⱪa qiⱪirix üqün, Pǝrazim teƣida turƣinidǝk ornidin turidu, U Gibeon jilƣisida ƣǝzǝplǝnginidǝk ƣǝzǝplinidu;
شۇڭا مازاق قىلغۇچىلار بولماڭلار؛ بولمىسا، كىشەنلىرىڭلار چىڭ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن بىر ھالاكەت توغرىسىدا، يەنى پۈتكۈل يەر يۈزىگە قەتئىيلىك بىلەن بېكىتكەن بىر ھالاكەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانمەن. | 22 |
Xunga mazaⱪ ⱪilƣuqilar bolmanglar; Bolmisa, kixǝnliringlar qing bolidu; Qünki mǝn samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Rǝb Pǝrwǝrdigardin bir ⱨalakǝt toƣrisida, Yǝni pütkül yǝr yüzigǝ ⱪǝt’iylik bilǝn bekitkǝn bir ⱨalakǝt toƣrisidiki hǝwǝrni angliƣanmǝn.
ــ قۇلاق سېلىڭلار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار؛ تىڭشاڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار. | 23 |
— Ⱪulaⱪ selinglar, awazimni anglanglar; Tingxanglar, sɵzlirimni anglanglar.
يەر ھەيدىگۈچى دېھقان تېرىش ئۈچۈن يەرنى كۈن بويى ھەيدەمدۇ؟ ئۇ پۈتۈن كۈن يەرنى ئاغدۇرۇپ، چالمىلارنى ئېزەمدۇ؟ | 24 |
Yǝr ⱨǝydigüqi deⱨⱪan terix üqün yǝrni kün boyi ⱨǝydǝmdu? U pütün kün yǝrni aƣdurup, Qalmilarni ezǝmdu?
ئۇ يەرنىڭ يۈزىنى تەكشىلىگەندىن كېيىن، قاراكۆز بەدىياننى تاشلاپ، زىرىنى چېچىپ، بۇغداينى تاپلاردا سېلىپ، ئارپىنى تېرىشقا بېكىتىلگەن جايغا، قارا بۇغداينى ئېتىز قىرلىرىغا تېرىمامدۇ؟ | 25 |
U yǝrning yüzini tǝkxiligǝndin keyin, Ⱪarakɵz bǝdiyanni taxlap, Zirini qeqip, Buƣdayni taplarda selip, Arpini terixⱪa bekitilgǝn jayƣa, Ⱪara buƣdayni etiz ⱪirliriƣa terimamdu?
چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنى توغرا ھۆكۈم قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ. | 26 |
Qünki uning Hudasi uni toƣra ⱨɵküm ⱪilixⱪa nǝsiⱨǝt ⱪilidu, U uningƣa ɵgitidu.
بەرھەق، قاراكۆز بەدىيان چىشلىق تىرنا بىلەن تېپىلمەيدۇ؛ تۇلۇق زىرە ئۈستىدە ھەيدەلمەيدۇ؛ بەلكى قاراكۆز بەدىيان بولسا قامچا بىلەن سوقۇلىدۇ، زىرە بولسا تۆمۈر-تاياق بىلەن ئۇرۇلۇپ دان ئاجرىتىلىدۇ. | 27 |
Bǝrⱨǝⱪ, ⱪarakɵz bǝdiyan qixliⱪ tirna bilǝn tepilmǝydu; Tuluⱪ zirǝ üstidǝ ⱨǝydǝlmǝydu; Bǝlki ⱪarakɵz bǝdiyan bolsa ⱪamqa bilǝn soⱪulidu, Zirǝ bolsa tɵmür-tayaⱪ bilǝn urulup dan ajritilidu.
ئۇن تارتىشقا داننى ئېزىش كېرەك، ئەمما [دېھقان] ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ھارۋا چاقلىرى ياكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛ | 28 |
Un tartixⱪa danni ezix kerǝk, ǝmma [deⱨⱪan] uni mǝnggügǝ tepewǝrmǝydu; U ⱨarwa qaⱪliri yaki at tuyaⱪliri bilǝn uni mǝnggügǝ tepewǝrmǝydu;
مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، دانالىقتا ئۇلۇغدۇر. | 29 |
Muxu ixmu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigardin kelidu; U nǝsiⱨǝt berixtǝ karamǝt, Danaliⱪta uluƣdur.