< يەشايا 27 >
شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ. | 1 |
En ce jour-là, l'Éternel frappera, de sa dure, grande et forte épée, le Léviathan, le serpent agile, le Léviathan, le serpent tortueux, et il tuera le monstre marin.
شۇ كۈنى ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار بولىدۇ! ئۇ توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىڭلار! | 2 |
En ce temps-là, on chantera ainsi sur la vigne excellente:
ئۆزۈم پەرۋەردىگار ئۇنى ساقلايمەن؛ مەن ھەر دەقىقە ئۇنى سۇغىرىمەن؛ بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز ساقلايمەن. | 3 |
C'est moi, l'Éternel, qui la garde; je l'arroserai en tout temps; je la garderai nuit et jour, de peur qu'on ne lui fasse du mal.
غەزەپ مەندە قالمىدى؛ ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى! ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلاتتىم، ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم! | 4 |
Il n'y a point en moi de colère. Qu'on me donne des ronces, des épines à combattre! Je marcherai sur elles, je les brûlerai toutes ensemble.
بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن، دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن! | 5 |
Ou bien qu'il me prenne pour refuge! Qu'il fasse la paix avec moi, qu'il fasse la paix avec moi!
كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛ ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ، ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ. | 6 |
Un jour, Jacob poussera des racines; Israël fleurira et s'épanouira; ils couvriront de fruits la face de la terre.
[پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى] ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك [ئىسرائىلنى] ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ قىرغانلاردەك [ئىسرائىل] قىرىلىپ باققانمۇ؟ | 7 |
Dieu a-t-il frappé son peuple, comme l'ont été ceux qui le frappaient? Israël a-t-il été tué, comme le furent ceux qui le tuaient?
سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن. | 8 |
C'est avec mesure que tu l'as châtié en le rejetant, lorsqu'il fut emporté par ton souffle impétueux, au jour du vent d'orient.
ئەمدى شۇ يول بىلەن ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇكى، ــ ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ پىشقان مېۋىسى شۇ بولىدۇكى: ــ ئۇ قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، «ئاشەراھ»لارنى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى زادىلا تۇرغۇزمايدۇ. | 9 |
Aussi l'iniquité de Jacob est ainsi expiée; et voici le fruit du pardon de son péché: c'est qu'il a mis en poussière toutes les pierres des autels, comme des pierres à chaux; les emblèmes d'Ashéra ni les colonnes solaires ne se relèveront plus.
چۈنكى مۇستەھكەملەنگەن شەھەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ئادەمزاتسىز ماكان ھەم تاشلىۋېتىلگەن باياۋاندەك بولىدۇ؛ شۇ يەردە موزاي ئوزۇقلىنىدۇ، شۇ يەردە يېتىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى يەيدۇ. | 10 |
Car la ville forte est changée en solitude; c'est une demeure abandonnée, délaissée comme un désert. Là vient paître le veau; il s'y couche, et broute les branches qui s'y trouvent.
ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛ ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛ شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. | 11 |
Quand le branchage en est sec, on le brise, et les femmes y viennent pour allumer du feu. Car ce peuple n'a point d'intelligence; c'est pourquoi son créateur n'a pas pitié de lui; celui qui l'a formé ne lui fait pas grâce.
ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە ھەر يەرنى سىلكىيدۇ، ۋە سىلەر بىر-بىرلەپ تېرىپ يىغىۋېلىنىسىلەر، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! | 12 |
En ce jour-là, l'Éternel abattra les fruits depuis le cours du Fleuve jusqu'au torrent d'Égypte; et vous serez ramassés un par un, ô enfants d'Israël!
ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار، ۋە مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار كېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس تاغ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. | 13 |
En ce jour-là, on sonnera de la grande trompette; et ceux qui étaient perdus au pays d'Assur, et ceux qui étaient chassés au pays d'Égypte, viendront se prosterner devant l'Éternel, en la sainte montagne, à Jérusalem.