< يەشايا 26 >
شۇ كۈنىدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا مۇنۇ ناخشا ئېيتىلىدۇ: ــ «مۇستەھكەم بىر شەھىرىمىز بار؛ ئۇ نىجاتلىقنى ئۇنىڭغا سېپىل ۋە تىرەكلەر قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ. | 1 |
Shu künide Yehudaning zéminida munu naxsha éytilidu: — «Mustehkem bir shehirimiz bar; U nijatliqni uninggha sépil we tirekler qilip békitip qoyidu.
ۋاپادارلىقتا چىڭ تۇرغان ھەققانىي ئەلنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىڭلار! | 2 |
Wapadarliqta ching turghan heqqaniy elning kirishi üchün, Derwazilarni échip béringlar!
كىم ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئوي-خىيالى ساڭا باغلىغان بولسا، سەن ئۇنى مۇتلەق خاتىرجەملىكتە ساقلايسەن؛ چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنچ-ئېتىقاد باغلىغاندۇر. | 3 |
Kim özining eqide, oy-xiyali Sanga baghlighan bolsa, Sen uni mutleq xatirjemlikte saqlaysen; Chünki u Sanga ishench-étiqad baghlighandur.
مەڭگۈگە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ چۈنكى ياھ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئەبەدىلئەبەدلىك بىر قورام تاشتۇر. | 4 |
Menggüge Perwerdigargha tayininglar; Chünki Yah Perwerdigar heqiqeten ebedil’ebedlik bir qoram tashtur.
چۈنكى ئۇ يۇقىرىدا تۇرغانلارنى پەسكە چۈشۈرىدۇ؛ ئاشۇ ئالىي شەھەرنى، ئۇ پەس قىلىدۇ؛ ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. | 5 |
Chünki U yuqirida turghanlarni peske chüshüridu; Ashu aliy sheherni, U pes qilidu; Uni yerge chüshürüp, Topa-changgha aylanduridu.
ئۇ پۇت بىلەن چەيلىنىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنىڭ پۇتلىرى، مىسكىنلەرنىڭ قەدەملىرى بىلەن چەيلىنىدۇ! | 6 |
U put bilen cheylinidu; U möminlerning putliri, Miskinlerning qedemliri bilen cheylinidu!
ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن. | 7 |
Heqqaniyning yoli bolsa tüzdur; I Eng Tüz Yolluq Bolghuchi, Sen heqqaniy adem üchün uning yolini ong qilisen.
ئى پەرۋەردىگار، بىز دەرھەقىقەت سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ يولىدا مېڭىپ، سېنى كۈتۈپ كەلدۇق؛ جېنىمىزنىڭ تەشنالىقى شۇدۇركى، نامىڭ ۋە شۆھرىتىڭ ئاشسۇن! | 8 |
I Perwerdigar, biz derheqiqet Séning hökümliringning yolida méngip, Séni kütüp kelduq; Jénimizning teshnaliqi shudurki, naming we shöhriting ashsun!
ۋۇجۇدۇم بىلەن كېچىلەردە ساڭا تەشنا بولدۇممەن؛ بەرھەق، تاڭ سەھەرلەردىمۇ روھىم بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ئىزدىدىم؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا، يەر يۈزىدىكىلەر ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. | 9 |
Wujudum bilen kéchilerde Sanga teshna boldummen; Berheq, tang seherlerdimu rohim bilen ich-ichimdin Séni izdidim; Chünki hökümliring yer yüzide körün’gen bolsa, Yer yüzidikiler heqqaniyliqni öginidu.
رەزىل ئادەمگە رەھىم كۆرسىتىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەققانىيلىقنى ئۆگەنمەيدۇ؛ ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى كۆرمەيدۇ. | 10 |
Rezil ademge rehim körsitilsimu, U yenila heqqaniyliqni ögenmeydu; Hetta durusluq turghan zémindimu u yenila adilsizliq qiliwéridu, Perwerdigarning shanu-shewkitini körmeydu.
ئى پەرۋەردىگار، قولۇڭ كۆتۈرۈلدى، بىراق ئۇلار كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۆز خەلقىڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى ئۇلار كۆرىدۇ ھەم خىجىل بولىدۇ؛ كۈشەندىلىرىڭ ئۈچۈن [تەييارلانغان] ئوت ئۇلارنى بەرھەق يۇتۇۋېتىدۇ. | 11 |
I Perwerdigar, qolung kötürüldi, Biraq ular körmeydu. Halbuki, Öz xelqingge bolghan otluq muhebbitingni ular köridu hem xijil bolidu; Küshendiliring üchün [teyyarlan’ghan] ot ularni berheq yutuwétidu.
ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە خاتىرجەملىك نېسىپ قىلىسەن؛ چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن. | 12 |
I Perwerdigar, Sen bizge xatirjemlik nésip qilisen; Chünki bizning emellirimizning hemmisini özüng wujuqa chiqarghansen.
دەرۋەقە، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، ئىلگىرى سەندىن باشقا «رەبلەر» ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ ئەمدىلىكتە پەقەت ساڭا تايىنىپلا نامىڭنى ئەسلەپ تىلغا ئالىمىز. | 13 |
Derweqe, i Perwerdigar Xudayimiz, ilgiri Sendin bashqa «rebler» üstimizdin hökümranliq qilghan; Emdilikte peqet Sanga tayinipla namingni eslep tilgha alimiz.
ئۇلار بولسا ئۆلدى، قايتىدىن ياشىمايدۇ؛ ئەرۋاھ بولۇپ كەتتى، قايتا تىرىلمەيدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ يوقاتتىڭ، ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ ئېسىدىمۇ قىلچە قالدۇرمىدىڭ. | 14 |
Ular bolsa öldi, qaytidin yashimaydu; Erwah bolup ketti, qayta tirilmeydu; Chünki Sen ularni jazalap yoqatting, Ularni ademlerning ésidimu qilche qaldurmiding.
سەن ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئۆزۈڭگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنسەن؛ زېمىننىڭ چېگرالىرىنى ھەرتەرەپكە ئۇزارتقانسەن. | 15 |
Sen elni ulghaytqansen, i Perwerdigar; Elni ulghaytqansen, Özüngge shan-sherep keltürgensen; Zéminning chégralirini herterepke uzartqansen.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار دەرد-ئەلەم ئىچىدە قالغاندا، سېنى ئىزدىدى؛ تەربىيىلىك جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، ئۇلار ئاھ ئۇرۇپ، پىچىرلاپ بىر دۇئانى قىلدى: ــ | 16 |
I Perwerdigar, ular derd-elem ichide qalghanda, Séni izdidi; Terbiyilik jazalishing ularning béshigha chüshkende, Ular ah urup, pichirlap bir duani qildi: —
«بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار. | 17 |
«Boshinish aldida turghan, tolghiqi tutup, aghriqtin warqirighan bir hamilidar ayaldek, Biz Séning aldingda shundaq bolduq, i Perwerdigar.
بىز ئىككى قات بولۇپ، تولغاققا چۈشتۇق، بىراق پەقەت يەللا چىقاردۇق؛ يەر يۈزىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچ نىجات-قۇتقۇزۇشنى يەتكۈزمىدۇق؛ دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى». | 18 |
Biz ikki qat bolup, Tolghaqqa chüshtuq, Biraq peqet yella chiqarduq; Yer yüzidikiler üchün héch nijat-qutquzushni yetküzmiduq; Dunyadiki ademler héch tughulmidi».
«ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر ياشايدۇ؛ مېنىڭ جەسىتىمنىڭ [تىرىلىشى بىلەن تەڭ] ئۇلارمۇ تىرىلىدۇ. ئى توپا-چاڭدا ياتقانلار، ئويغىنىپ ناخشا ياڭرىتىڭلار! شەبنىمىڭ تاڭ سەھەرنىڭ شەبنىمىدەكتۇر؛ يەر-زېمىن ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ. | 19 |
«Sanga tewe ölgen ademler yashaydu; Méning jesitimning [tirilishi bilen teng] ularmu tirilidu. I topa-changda yatqanlar, oyghinip naxsha yangritinglar! Shebniming tang seherning shebnimidektur; Yer-zémin özide ölgenlerni tughup béridu.
ئى خەلقىم، كېلىڭلار، ئۆيۈڭلارغا كىرىپ، كەينىڭلاردىن ئىشىكلەرنى ئېتىپ قويۇڭلار؛ مېنىڭ دەرغەزىپىم ئۆتكۈچە، ئۆزۈڭنى بىر دەملىك يوشۇرۇۋال. | 20 |
I xelqim, kélinglar, Öyünglargha kirip, keyninglardin ishiklerni étip qoyunglar; Méning derghezipim ötküche, özüngni bir demlik yoshuruwal.
چۈنكى قارا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ. | 21 |
Chünki qara, Perwerdigar Öz jayidin chiqip, Yer yüzidikilerning gunahini özlirige qayturmaqchi; Yer bolsa üstige tökülgen qanlarni ashkarilaydu, Özide öltürülgenlerni haman yépiwermeydu.