< يەشايا 25 >
پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛ مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن، مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن، چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى، سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن. | 1 |
Perwerdigar, Sen méning Xudayim; Men Séni üstün dep medhiyileymen, Men Séning namingni mubarekleymen, Chünki Sen karamet ishlarni, Sadiqliq we heqiqet ichide qedimdin buyan qelbingge pükkenliringni beja keltürgensen.
چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك، قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب، ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن، ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ. | 2 |
Chünki Sen sheherni xarabilik, Qel’e-qorghanliq yurtni xarab, Yatlarning ordisini sheher bolalmas qilghansen, U ikkinchi hergiz qurulmaydu.
شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛ | 3 |
Shunga héliqi küchlük xelq Séni ulughlaydu, Esheddiy ellerning héliqi shehiri Sendin qorqidu;
چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، بورانغا دالدا، ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ. | 4 |
Chünki Sen miskinlerge qorghan, Yoqsullarning derdi-hajitige qorghan, Boran’gha dalda, Issiqqa saye bolghansen; Chünki esheddiylerning zerbe dolquni tamgha urulghan borandek, Qaghjiraq yerni basqan issiq hawadek boldi. Biraq issiq hawa bulut sayisi bilen tosulghandek, Sen yatlarning chuqan-sürenlirini peseytisen; Esheddiylerning ghelibe naxshisi pes qilinidu.
ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛ | 6 |
We mushu taghda samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar barliq qowmlar üchün ziyapet qilidu — Mayliq yémeklikler, Süzdürülgen kona sharablar, Yiliki toq mayliq yémeklikler, Süzdürülgen, yaxshi saqlan’ghan kona sharablardin bolghan ziyapet bolidu;
ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى، بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛ | 7 |
We U mushu taghda hemme qowmlarni yapidighan chümperdini, Barliq ellerni yapidighan yapquchni yoqitidu;
ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان. | 8 |
U ölümni menggüge yutup yoqitidu! Reb Perwerdigar herbir yüzdiki yashlarni sürtiwétidu; Pütkül yer-zémin aldida Öz xelqining shermendilikini élip tashlaydu; Chünki Perwerdigar shundaq éytqan.
ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ «مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛ مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز. | 9 |
We shu künide déyiliduki: — «Mana, Xudayimiz mushu, biz Uninggha telmürüp kelgen, U bizni qutquzidu; Mana, mushu Perwerdigardur, biz Uninggha telmürüp kelgen, Biz shadlinip Uning nijat-qutuldurushidin xursen bolimiz».
چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛ ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ | 10 |
Chünki mushu taghqa Perwerdigarning qoli qonup turidu; We saman azgalda tézek bilen cheylen’gendek, Moab Uning putliri astida cheylinidu;
[موئاب] ئاشۇ [تېزەكلىك] ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، [رەب] ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ. | 11 |
[Moab] ashu [tézeklik] azgaldin üzüp chiqish üchün qolini kéridu, Biraq uning qoli chéwer bolghini bilen, [Reb] uning tekebburluqini pes qilidu.
ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. | 12 |
U sépilliringning égiz mudapielik qorghanlirini ghulitip, Yer bilen yeksan qilip, Topa-changgha aylanduridu.