< يەشايا 24 >
مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ، ئۇنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىدۇ؛ | 1 |
Siehe, der HERR macht das Land leer und wüste und wirft um, was drinnen ist, und zerstreuet seine Einwohner.
شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى، خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛ قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛ سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ. | 2 |
Und gehet dem Priester wie dem Volk, dem HERRN wie dem Knechte, der Frau wie der Magd, dem Verkäufer wie dem Käufer, dem Leiher wie dem Borger, dem Mahnenden wie dem Schuldiger.
يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ، پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى. | 3 |
Denn das Land wird leer und beraubt sein; denn der HERR hat solches geredet.
يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ. | 4 |
Das Land stehet jämmerlich und verderbt, der Erdboden nimmt ab und verdirbt; die Höchsten des Volks im Lande nehmen ab.
يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ [تەبىئەتنىڭ] قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن. | 5 |
Das Land ist entheiliget von seinen Einwohnern; denn sie übergehen das Gesetz und ändern die Gebote und lassen fahren den ewigen Bund.
شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ. | 6 |
Darum frißt der Fluch das Land; denn sie verschulden es, die drinnen wohnen. Darum verdorren die Einwohner des Landes, daß wenig Leute überbleiben.
يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى، ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛ كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛ | 7 |
Der Most verschwindet, der Weinstock verschmachtet, und alle, die von Herzen fröhlich waren, seufzen.
داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ، كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ، چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ. | 8 |
Die Freude der Pauken feiert, das Jauchzen der Fröhlichen ist aus, und die Freude der Harfen hat ein Ende.
شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ. | 9 |
Man singet nicht beim Weintrinken; und gut Getränk ist bitter denen, so es trinken.
تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛ | 10 |
Die leere Stadt ist zerbrochen; alle Häuser sind zugeschlossen, daß niemand hineingehet.
كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ. | 11 |
Man klagt Wein auf den Gassen, daß alle Freude weg ist, alle Wonne des Landes dahin ist.
شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ! | 12 |
Eitel Wüstung ist in der Stadt geblieben, und die Tore stehen öde.
چۈنكى خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا، يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى، زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك، ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ. | 13 |
Denn es gehet im Lande und im Volk eben, als wenn ein Ölbaum abgepflückt ist, als wenn man nachlieset, so die Weinernte aus ist.
[قالدىلار] بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ. | 14 |
Dieselbigen heben ihre Stimme auf und rühmen und jauchzen vom Meer her über der HERRLIchkeit des HERRN.
شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛ | 15 |
So preiset nun den HERRN in Gründen, in den Inseln des Meers den Namen des HERRN, des Gottes Israels.
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ «ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!» بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ! | 16 |
Wir hören Lobgesänge vom Ende der Erde zu Ehren dem Gerechten. Und ich muß sagen: Wie bin ich aber so mager! Wie bin ich aber so mager! Wehe mir; denn die Verächter verachten, ja die Verächter verachten.
ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار! ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ | 17 |
Darum kommt über euch, Einwohner des Landes, Schrecken, Grube und Strick.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ، ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ، يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ. | 18 |
Und ob einer entflöhe vor dem Geschrei des Schreckens, so wird er doch in die Grube fallen; kommt er aus der Grube, so wird er doch im Strick gefangen werden. Denn die Fenster in der Höhe sind aufgetan, und die Grundfesten der Erde beben.
يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ، يەر پۈتۈنلەي پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ، يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ. | 19 |
Es wird dem Lande übel gehen und nichts gelingen und wird zerfallen.
يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛ خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ. | 20 |
Das Land wird taumeln wie ein Trunkener und weggeführt wie eine Hütte; denn seine Missetat drückt es, daß es fallen muß und kann nicht stehenbleiben.
شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ. | 21 |
Zu der Zeit wird der HERR heimsuchen die hohe Ritterschaft, so in der Höhe sind, und die Könige der Erde, so auf Erden sind,
ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ، گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ. | 22 |
daß sie versammelt werden in ein Bündlein zur Grube und verschlossen werden im Kerker und nach langer Zeit wieder heimgesucht werden.
ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ! | 23 |
Und der Mond wird sich schämen und die Sonne mit Schanden bestehen, wenn der HERR Zebaoth König sein wird auf dem Berge Zion und zu Jerusalem und vor seinen Ältesten in der HERRLIchkeit.