< يەشايا 23 >
تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى، شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق. سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر [كېمىدىكىلەر]گە ئايان قىلىنىدۇ. | 1 |
The burden of Tyre. Howl, ye ships of Tarshish, for it is laid waste, so that there is no house, no entering in; from the land of Kittim it is revealed to them.
زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر، ئەمدى شۈك بولۇڭلار! | 2 |
Be still, ye inhabitants of the coast-land; thou whom the merchants of Zidon, that pass over the sea, have replenished.
شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار، يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى! | 3 |
And on great waters the seed of Shihor, the harvest of the Nile, was her revenue; and she was the mart of nations.
ئى زىدون، خىجالەت بول، چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» | 4 |
Be thou ashamed, O Zidon; for the sea hath spoken, the stronghold of the sea, saying: 'I have not travailed, nor brought forth, neither have I reared young men, nor brought up virgins.'
مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە، ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ. | 5 |
When the report cometh to Egypt, they shall be sorely pained at the report of Tyre.
ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار! ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! | 6 |
Pass ye over to Tarshish; howl, ye inhabitants of the coast-land.
سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ! | 7 |
Is this your joyous city, whose feet in antiquity, in ancient days, carried her afar off to sojourn?
تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان، سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان، دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟ | 8 |
Who hath devised this against Tyre, the crowning city, whose merchants are princes, whose traffickers are the honourable of the earth?
ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر! مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش، جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت! | 9 |
The LORD of hosts hath devised it, to pollute the pride of all glory, to bring into contempt all the honourable of the earth.
تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى [تۇردىن] كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق. | 10 |
Overflow thy land as the Nile, O daughter of Tarshish! there is no girdle any more.
چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ، دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ. ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. | 11 |
He hath stretched out His hand over the sea, He hath shaken the kingdoms; the LORD hath given commandment concerning Canaan, to destroy the strongholds thereof;
ۋە: ــ «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى. | 12 |
And He said: 'Thou shalt no more rejoice.' O thou oppressed virgin daughter of Zidon, arise, pass over to Kittim; even there shalt thou have no rest.
قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛ پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. | 13 |
Behold, the land of the Chaldeans — this is the people that was not, when Asshur founded it for shipmen — they set up their towers, they overthrew the palaces thereof; it is made a ruin.
ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى. | 14 |
Howl, ye ships of Tarshish, for your stronghold is laid waste.
ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى، پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك، تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ. يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛ | 15 |
And it shall come to pass in that day, that Tyre shall be forgotten seventy years, according to the days of one king; after the end of seventy years it shall fare with Tyre as in the song of the harlot:
چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر، ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال! ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ، يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت! | 16 |
Take a harp, go about the city, thou harlot long forgotten; make sweet melody, sing many songs, that thou mayest be remembered.
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ | 17 |
And it shall come to pass after the end of seventy years, that the LORD will remember Tyre, and she shall return to her hire, and shall have commerce with all the kingdoms of the world upon the face of the earth.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛ ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. | 18 |
And her gain and her hire shall be holiness to the LORD; it shall not be treasured nor laid up; for her gain shall be for them that dwell before the LORD, to eat their fill, and for stately clothing.