< يەشايا 22 >
ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ | 1 |
Oracle contre la vallée des visions. Que t'arrive-t-il donc, que tous tes habitants sont montés sur les toits,
سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، شادلىنىدىغان شەھەر؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛ | 2 |
ville pleine de tumulte, cité bruyante et joyeuse? Tes morts ne seront pas percés par l'épée, ni tués dans le combat.
ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ يىراققا قاچقان بولسىمۇ، سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى. | 3 |
Tous tes généraux fuient ensemble, sont pris par les archers, tous ceux qui se trouvent en ton sein sont pris à la fois, ils fuient au loin.
شۇڭا مەن: ــ «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم. | 4 |
Aussi dis-je: Détournez les yeux de moi; j'ai à pleurer amèrement: n'insistez pas pour me consoler de la ruine de la fille de mon peuple!
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. | 5 |
Car c'est une journée de commotion et d'écrasement et de confusion que tient le Seigneur, l'Éternel des armées, dans la vallée des visions; on sape les murs, et les cris de détresse vont frapper les montagnes.
ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ. | 6 |
Elam porte le carquois sur des chars pleins d'hommes et de cavaliers, et Kir tire le bouclier du fourreau.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. | 7 |
Et tes plus belles vallées sont remplies de chars, et les cavaliers prennent position entre tes portes.
ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ بىراق سەن [زىئون] شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛ | 8 |
Et le voile de Juda est levé, et en ce jour tu portes tes regards vers les munitions de la maison de cèdre.
سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛ | 9 |
Et vous apercevez les brèches de la ville de David, qui sont nombreuses, et vous recueillez les eaux de l'étang inférieur;
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار، | 10 |
et vous comptez les maisons de Jérusalem, et vous en abattez pour fortifier les murs,
شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار! | 11 |
et vous faites un réservoir entre les deux murs pour les eaux de l'antique étang. Mais vous ne regardez pas vers l'auteur de ces choses, et ne tournez pas les yeux vers Celui qui de loin en a formé le plan.
شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى. | 12 |
Et en ce jour le Seigneur, l'Éternel des armées, vous convie à pleurer, à gémir, à couper vos cheveux et à ceindre le cilice.
بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى! | 13 |
Mais voici, plaisir et joie; on tue des taureaux, on égorge des brebis, on mange de la chair, et on boit du vin: « Mangeons et buvons, car demain nous mourrons! »
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. | 14 |
Cependant l'Éternel des armées s'est révélé à mes oreilles: Non, ce crime ne sera pas expié que vous ne soyez morts, dit le Seigneur, l'Éternel des armées.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ | 15 |
Ainsi parle le Seigneur, l'Éternel des armées: Va, rends-toi vers ce courtisan, vers Sebna préposé au palais!
ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟ | 16 |
« Qu'as-tu à faire ici? et qui as-tu ici, que tu te creuses ici un tombeau, creusant un tombeau sur la hauteur, te taillant dans le roc une demeure?
مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ، | 17 |
Voici, l'Éternel te jettera bas d'un coup vigoureux, et te saisira;
ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى! | 18 |
Il te fera rouler, rouler, comme une balle sur une terre vaste et spacieuse; là tu mourras, et là seront tes chars magnifiques, toi l'opprobre de la maison de ton maître.
مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن. | 19 |
Et je te culbuterai de ton poste, et Il te débusquera de ta place. »
شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛ | 20 |
Et en ce jour même j'adresserai vocation à mon serviteur Eliacim, fils de Hilkia;
سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ. | 21 |
et je le revêtirai de ton manteau et le ceindrai de ta ceinture, et je mettrai ton pouvoir en sa main, et il sera un père pour les habitants de Jérusalem et pour la maison de Juda.
داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ. | 22 |
Et je mettrai la clef de la maison de David sur son épaule, et il ouvrira, et personne ne fermera; il fermera, et personne n'ouvrira.
مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛ | 23 |
Et je l'enfoncerai comme un clou en lieu sûr, et il sera un trône glorieux pour la maison de son père;
خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ. | 24 |
et il sera le soutien de tout ce qui est la gloire de la maison de son père, des rejetons et des surgeons, de tous les petits vases depuis les bassins jusqu'à toutes les coupes.
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى. | 25 |
En ce même jour, dit l'Éternel des armées, sera ôté le clou enfoncé en lieu sûr; il sera abattu et tombera, et le fardeau qu'il portait croulera, car l'Éternel l'a prononcé.