< يەشايا 21 >
«دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!». | 1 |
Бреме пустињи на мору. Као вихори који пролазе на југ, тако ће доћи из пустиње, из земље страшне.
ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم. | 2 |
Љута утвара јави ми се. Неверник неверу чини, пустошник пустоши; ходи, Еламе; опколи, Мидијо! Свему уздисању учинићу крај.
ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم. | 3 |
Зато су бедра моја пуна бола; муке ме обузеше као кад се мучи породиља; згурих се чујући, препадох се видећи.
شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى. | 4 |
Срце ми се смете, гроза ме подузе; ноћ милина мојих претвори ми се у страх.
ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ؛ ئۇلار يېيىشىدۇ، ئىچىشىدۇ؛ «ھەي ئېسىلزادىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قالقاننى مايلاڭلار!» | 5 |
Постави сто, стражар нека стражи; једи, пиј; устајте кнезови, мажите штитове.
چۈنكى رەب ماڭا: ــ «بارغىن، كۆرگەنلىرىنى ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچىنى تەخلەپ قويغىن» ــ دېگەنىدى. | 6 |
Јер овако ми рече Господ: Иди, постави стражара да ти јави шта види.
ــ «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېشەكلەر بىلەن، جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە، ئۇ دىققەت بىلەن، ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزەتسۇن!» | 7 |
И виде кола, и два реда коњика; кола с магарцима и кола с камилама; и пажаше добро великом пажњом.
ئۇ جاۋابەن شىردەك توۋلىدى: ــ «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن؛ | 8 |
И повика као лав: Господару, ја стојим једнако на стражи дању, и стојим на стражи по сву ноћ.
ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!». | 9 |
И ево дођоше на колима људи, у два реда коњици. Тада повика и рече: Паде, паде Вавилон, и сви резани ликови богова његових разбише се о земљу.
ــ ئى مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئاڭلىغاننى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم! | 10 |
Вршају мој, и пшенице гумна мог! Шта чух од Господа над војскама, Бога Израиљевог, јавих вам.
«دۇماھ» توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ بىرسى سېئىردىن كېلىپ مەندىن: ــ «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ دەپ سورايدۇ. | 11 |
Бреме Думи. Виче к мени неко са Сира: Стражару! Шта би ноћас? Стражару! Шта би ноћас?
كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەھەر كېلىدۇ، كېچىمۇ كېلىدۇ؛ يەنە سورىغىڭ بولسا، يەنە كېلىپ سورا؛ يولۇڭدىن قايتىپ ماڭا يېقىن كەل!» | 12 |
Стражар рече: Доћи ће јутро, али и ноћ; ако ћете тражити, тражите, вратите се, дођите.
ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ «ئى دېدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىيەدىكى جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر؛ | 13 |
Бреме арапској. По шумама у арапској ноћиваћете, путници дедански!
ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار! | 14 |
Изнесите воде пред жедне, који живите у земљи Теми, сретните с хлебом бегунца.
چۈنكى ئۇلار قىلىچلاردىن، غىلاپتىن ئېلىنغان قىلىچتىن، كېرىلگەن ئوقيادىن، ئۇرۇشنىڭ ئازابىدىن قاچىدۇ. | 15 |
Јер ће бежати од мача, од мача голог, од лука запетог и од жестоког боја.
چۈنكى رەب ماڭا شۇنداق دېگەن: ــ بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، ئاندىن كېدارنىڭ بار شەرىپى يوقىلىدۇ، | 16 |
Јер овако ми рече Господ: За годину, као што је година најамничка, нестаће све славе кидарске.
ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى شۇنداق سۆز قىلغان». | 17 |
И што остане храбрих стрелаца синова кидарских, биће мало; јер Господ Бог Израиљев рече.