< يەشايا 15 >
موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛ | 1 |
Spriedums par Moabu. Moaba Ara pa nakti postīta, izdeldēta! Tiešām, Moaba Ķire pa nakti postīta, izdeldēta.
يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا [بارلىق] ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛ موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى. | 2 |
Uz Baītu un Dibonu, uz elku kalniem iet raudāt; uz Nebus un uz Medbas Moabs kauc. Visas viņu galvas ir nodzītas plikas un visiem bārda nogriezta.
كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛ ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ. | 3 |
Savās ielās tie iet apjozušies ar maisiem, pa saviem jumtiem un ceļiem visi kauc un plūst asarās.
ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ، ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ. | 4 |
Hešbona un Eleale brēc, viņas balss top dzirdēta līdz Jācai. Tādēļ vaid paši Moaba apbruņotie, dvēsele viņam trīc.
مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛ مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ، ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ. | 5 |
Mana sirds brēc par Moabu; viņa bēgļi bēg līdz Coārai, līdz EglatŠilišijai; jo uz Luķitu kāpj ar raudāšanu, un ceļā pret Horonaīm kliedz par izpostīšanu.
چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپلەر سولىشىپ، گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛ ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ. | 6 |
Jo Nimrim ūdeņi izsīkuši; jo zāle nokaltusi, zaļums iznīcis, nekas vairs nezeļ.
شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛ | 7 |
Tāpēc to krājumu, ko sakrājuši, un ko glabājuši, to tie ved pār kārklu upi.
ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا، ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا، پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ. | 8 |
Jo brēkšana iet pa Moaba robežām, viņa kaukšana līdz Eglaīm, viņa kaukšana līdz Elim akai.
دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛ چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن. | 9 |
Jo Dimonas ūdeņi ir pilni asiņu. Jo vēl vairāk Es uzlikšu Dimonai, lauvu tiem, kas Moabā izglābušies un tai zemē atlikuši.