< يەشايا 14 >
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ. | 1 |
ヱホバ、ヤコブを憐みイスラエルをふたたび撰びて之をおのれの地におきたまはん異邦人これに加りてヤコブの家にむすびつらなるべし
ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۇلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىدۇ؛ ئىسرائىل جەمەتى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا ئۇلارغا قۇل ۋە دېدەك سۈپىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنى تۇتىدۇ؛ ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. | 2 |
もろもろの民はかれらをその處にたづさへいたらん而してイスラエルの家はヱホバの地にてこれを奴婢となし曩におのれを虜にしたるものを虜にしおのれを虐げたるものを治めん
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئازابتىن، ساراسىمىدىن ۋە ئەسىر بولۇپ مەجبۇرلانغان مۇشەققەتلىك قۇللۇقتىن ئاراملىق بەرگەن كۈنىدە، | 3 |
ヱホバなんぢの憂と艱難とをのぞき亦なんぢが勤むるからき役をのぞきて安息をたまふの日
سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ «قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى، تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى! | 4 |
なんぢこの歌をとなヘバビロン王をせめていはん虐ぐる者いかにして息みしや金をはたる者いかにして息みしやと
پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ ھاسىسىنى، ھاكىملارنىڭ زاكون تايىقىنى، | 5 |
ヱホバあしきものの笞ともろもろの有司の杖とををりたまへり
يەنى خەلق-مىللەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغاننى، ئەللەرگە غەزەپ قىلىپ تىزگىنسىز زىيانكەشلىك قىلغاننى سۇندۇرۇۋەتتى. | 6 |
かれらは怒をもてもろもろの民をたえず撃てはうち忿恚をもてもろもろの國ををさむれどその暴虐をとどむる者なかりき
پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ. | 7 |
今は全地やすみを得おだやかを得ことごとく聲をあげてうたふ
قارىغايلار بولسا ھالىڭدىن شادلىنىدۇ، لىۋاندىكى كېدىرلارمۇ: ــ «سەن گۆرۈڭدە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ھېچبىر كەسكۈچى بىزنى قورقاتمايدۇ!» ــ دەيدۇ. | 8 |
實にまつの樹およびレバノンの香柏さへもなんぢの故により歡びていふ汝すでに仆たれば樵夫のぼりきたりてわれらを攻ることなしと
سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛ سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى، جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛ (Sheol ) | 9 |
下の陰府はなんぢの故により動きて汝のきたるをむかへ世のもろもろの英雄の亡靈をおこし國々のもろもろの王をその位より起おこらしむ (Sheol )
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!» | 10 |
かれらは皆なんぢに告ていはん汝もわれらのごとく弱くなりしや汝もわれらと同じくなりしやと
سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛ ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ، ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ. (Sheol ) | 11 |
なんぢの榮華となんぢの琴の音はすでに陰府におちたり蛆なんぢの下にしかれ蚯蚓なんぢをおほふ (Sheol )
ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن! ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى، سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ! | 12 |
あしたの子明星よいかにして天より隕しやもろもろの國をたふしし者よいかにして斫れて地にたふれしや
سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛ | 13 |
汝さきに心中におもへらくわれ天にのぼり我くらゐを神の星のうへにあげ北の極なる集會の山にざし
مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛ ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» ــ دېدىڭ. | 14 |
たかき雲漢にのぼり至上者のごとくなるべしと
ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». (Sheol ) | 15 |
然どなんぢは陰府におとされ坑の最下にいれられん (Sheol )
سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: ــ «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟ | 16 |
なんぢを見るものは熟々なんぢを視なんぢに目をとめていはんこの人は地をふるはせ列國をうごかし
يەر يۈزىنى چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى غۇلاتقان، تۇتقان ئەسىرلەرنى ئۆز يۇرتىغا ھېچ قويۇپ بەرمىگەن مۇشۇمىدۇ؟» ــ دېيىشىدۇ. | 17 |
世を荒野のごとくしもろもろの邑をこぼち捕へたるものをその家にときかへさざりしものなるかと
مانا ئەللەرنىڭ شاھلىرى بىرىمۇ قالماي «شان-شەرەپ»تە، [قاراڭغۇلۇقتىكى] ئۆز ئۆيىدە يېتىشىدۇ، | 18 |
もろもろの國の王たちはことごとく皆たふとき状にておのおのその家にねぶる
بىراق سەن كەمسىتىلگەن [چىرىگەن] بىر شاخ كەبى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا، قىلىچ بىلەن سانجىلغان، ھاڭنىڭ تەھتىگە چۈشىدىغانلارغا ئوخشاش، ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ-چەيلەنگەن ئۆلۈكتەك، ئۆز گۆرۈڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلىۋېتىلدىڭ. | 19 |
然どなんぢは忌きらふべき枝のごとくおのが墓のそとにすてられその周圍には劍にて刺ころされ坑におろされ石におほはれたる者ありて踐つけらるる屍にことならず
سەن ئاشۇ پادىشاھلار بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى ئۆز يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلغانسەن، ئۆز خەلقىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنسەن؛ رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ نەسلى ھەرگىز يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ. | 20 |
汝おのれの國をほろぼしおのれの民をころししが故にかれらとおなじく葬らるることあたはずそれ惡をおこなふものの裔はとこしへに名をよばるることなかるべし
ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قەتل قىلىشقا تەييار قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ. | 21 |
先祖のよこしまの故をもてその子孫のために戮場をそなへ彼等をしてたちて地をとり世界のおもてに邑をみたすことなからしめよ
چۈنكى مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن بابىلدىن ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى، نەسىل-پەرزەنتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، | 22 |
萬軍のヱホバのたまはく我立てかれらを攻めバビロンよりその名と遺りたるものとを絶滅しその子その孫をたちほろぼさんとこれヱホバの聖言なり
ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛ ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 23 |
われバビロンを刺蝟のすみかとし沼とし且ほろびの箒をもてこれを掃除かんとこれ萬軍のヱホバのみことばなり
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، ــ مەن قانداق ئويلىسام، شۇنداق بولىدۇ؛ قانداق مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكسەم، شۇ تىكلىنىدۇ، | 24 |
萬軍のヱホバ誓をたてて言給はくわがおもひし事はかならず成わがさだめし事はかならず立ん
مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛ ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛ ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن، ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. | 25 |
われアツスリヤ人をわが地にてうちやぶりわが山々にてふみにじらんここにおいて彼がおきし軛はイスラエル人よりはなれ彼がおはせし重負はイスラエル人の肩よりはなるべし
مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر، مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر. | 26 |
これは全地のことにつきて定めたる謀略なり是はもろもろの國のうへに伸したる手なり
پەرۋەردىگار مۇنداق مەقسەتنى پۈككەنىكەن، كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنىڭ قولى ئۇزارتىلغانىكەن، كىم ئۇنى ياندۇرالىسۇن؟ | 27 |
萬軍のヱホバさだめたまへり誰かこれを破ることを得んやその手をのばしたまへり誰かこれを押返すことを得んや
ئاھاز پادىشاھ ئۆلگەن يىلىدا مۇنداق ۋەھىي يۈكلەندى: ــ | 28 |
アハズ王の死たる年おもにの預言ありき
ئى فىلىستىيە، ھەممىڭلار، «بىزنى ئۇرغان تاياق سۇندى» دەپ شادلانماڭلار؛ چۈنكى يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ. | 29 |
曰くペリシテの全地よなんぢをうちし杖をれたればとて喜ぶなかれ蛇の根より蝮いでその果はとびかける巨蛇となるべければなり
شۇنىڭ بىلەن يوقسۇللارنىڭ تۇنجى بالىلىرى ئوزۇقلىنىدۇ، مۆمىنلەر بولسا تىنچ-ئامانلىقتا ياتىدۇ؛ بىراق مەن يىلتىزىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن يوقىتىمەن قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. | 30 |
いと貧しきものはものくひ乏しきものは安然にふさんわれ飢饉をもてなんぢの根をしなせ汝がのこれる者をころすべし
شۇڭا ئى قوۋۇق، نالە كۆتۈرگىن، ئى شەھەر، پەرياد چەككىن! ئى فىلىستىيە، سەن بولساڭ ئېرىپ كەتكەنسەن! چۈنكى شىمال تەرەپتىن ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنلىرىدا ھېچكىم سەپسىز قالمايدۇ. | 31 |
門よなげけ邑よさけべペリシテよなんぢの全地きえうせたりそはけぶり北よりいできたりその軍兵の列におくるるものなし
ئەمدى بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ــ «زىئوننى تىكلىگۈچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدىكى ئېزىلگۈچىلەر ئۇنىڭدىن باشپاناھ تاپىدۇ» ــ دېگىن!» | 32 |
その國の使者たちに何とこたふべきや答ヘていはんヱホバ、シオンの基をおきたまへりその民のなかの苦しむものは避所をこの中にえん