< يەشايا 13 >
ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ | 1 |
Breme Vavilonu, koje vidje Isaija sin Amosov.
[بابىل] ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار. | 2 |
Na gori visokoj podignite zastavu, vièite im iza glasa, mašite rukom, neka uðu na vrata kneževska.
مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن، ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم. | 3 |
Ja sam zapovjedio izabranima svojim i dozvao sam junake svoje da izvrše gnjev moj koji se raduju s velièine moje.
ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ. | 4 |
Vika stoji ljudstva na gorama kao da je velik narod, vika i vreva carstva skupljenijeh naroda; Gospod nad vojskama pregleda vojsku ubojitu.
ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى، يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن. | 5 |
Dolaze iz daljne zemlje, s kraja nebesa, Gospod i oruða srdnje njegove, da zatre svu zemlju.
پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ. | 6 |
Ridajte, jer je blizu dan Gospodnji; doæi æe kao pustoš od svemoguæega.
بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ. | 7 |
Zato æe svaka ruka klonuti, i svako srce èovjeèije rastopiti se.
ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ. | 8 |
I oni æe se smesti, muke i bolovi spopašæe ih, muèiæe se kao porodilja, prepašæe se jedan od drugoga, lica æe im biti kao plamen.
مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ. | 9 |
Evo, ide dan Gospodnji ljuti s gnjevom i jarošæu da obrati zemlju u pustoš, i grješnike da istrijebi iz nje.
چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ. | 10 |
Jer zvijezde nebeske i prilike nebeske neæe pustiti svjetlosti svoje, sunce æe pomrèati o roðaju svom, i mjesec neæe pustiti svjetlosti svoje.
مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن. | 11 |
I pohodiæu vasiljenu za zloæu, i bezbožnike za bezakonje; i ukinuæu razmetanje oholijeh, i ponos silnijeh oboriæu.
مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن. | 12 |
Uèiniæu da æe èovjek više vrijediti nego zlato èisto, više nego zlato Ofirsko.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، مەن [خۇدا] ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛ | 13 |
Zato æu zatresti nebo, i zemlja æe se pokrenuti sa svoga mjesta od jarosti Gospoda nad vojskama i u dan kad se raspali gnjev njegov.
شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك، ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك، ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ، ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛ | 14 |
I biæe kao srna poplašena i kao stado kojega niko ne sabira; svak æe gledati za svojim narodom, i svak æe bježati u svoju zemlju.
قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ. | 15 |
Ko se god naðe, biæe proboden, i koji se god skupe, poginuæe od maèa.
ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. | 16 |
I djecu æe im razmrskati na njihove oèi, kuæe æe im oplijeniti i žene æe im sramotiti.
مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ. | 17 |
Evo, ja æu podignuti na njih Mide, koji neæe mariti za srebro, niti æe zlata iskati.
ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ، كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ. | 18 |
Nego æe iz lukova djecu ubijati, ni na plod u utrobi neæe se smilovati, niti æe djece žaliti oko njihovo.
پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى، كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا، خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ. | 19 |
I Vavilon, ures carstvima i dika slavi Haldejskoj, biæe kao Sodom i Gomor kad ih Bog zatr.
ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ، مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ. | 20 |
Neæe se u njemu živjeti niti æe se ko naseliti od koljena do koljena, niti æe Arapin razapeti u njemu šatora, niti æe pastiri poèivati onuda.
بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ، ئۇلارنىڭ [خاراب] ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ، ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، «ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ. | 21 |
Nego æe poèivati ondje divlje zvijeri, i kuæe æe njihove biti pune velikih zmija, i ondje æe nastavati sove, i aveti æe skakati onuda.
ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا، چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. | 22 |
I dovikivaæe se buljine u pustijem kuæama i zmajevi u dvorima veselijem. A doæi æe njegovo vrijeme, i blizu je, i dani njegovi neæe se protegnuti.