< يەشايا 12 >
ــ ۋە شۇ كۈنى سەن: ــ ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛ سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن، غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى، ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ. | 1 |
Katika siku ile utasema: “Nitakusifu wewe, Ee Bwana. Ingawa ulinikasirikia, hasira yako imegeukia mbali nawe umenifariji.
مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛ مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن، ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛ ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن. | 2 |
Hakika Mungu ni wokovu wangu; nitamtumaini wala sitaogopa. Bwana, Bwana, ni nguvu zangu na wimbo wangu; amekuwa wokovu wangu.”
ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر. | 3 |
Kwa furaha mtachota maji kutoka visima vya wokovu.
شۇ كۈنىدە سىلەر: ــ «پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار. | 4 |
Katika siku hiyo mtasema: “Mshukuruni Bwana, mliitie jina lake; julisheni miongoni mwa mataifa yale aliyoyafanya, tangazeni kuwa jina lake limetukuka.
پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛ مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن! | 5 |
Mwimbieni Bwana, kwa kuwa ametenda mambo makuu, hili na lijulikane duniani kote.
زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛ چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر. | 6 |
Pazeni sauti mwimbe kwa furaha, watu wa Sayuni, kwa maana mkuu ni yeye Aliye Mtakatifu wa Israeli miongoni mwenu.”