< يەشايا 10 >

قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي! 1
הוי החקקים חקקי און ומכתבים עמל כתבו׃
تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ، ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ. 2
להטות מדין דלים ולגזל משפט עניי עמי להיות אלמנות שללם ואת יתומים יבזו׃
ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟ 3
ומה תעשו ליום פקדה ולשואה ממרחק תבוא על מי תנוסו לעזרה ואנה תעזבו כבודכם׃
ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. 4
בלתי כרע תחת אסיר ותחת הרוגים יפלו בכל זאת לא שב אפו ועוד ידו נטויה׃
قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي! 5
הוי אשור שבט אפי ומטה הוא בידם זעמי׃
مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، [خەلقىمنى] كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن. 6
בגוי חנף אשלחנו ועל עם עברתי אצונו לשלל שלל ולבז בז ולשימו מרמס כחמר חוצות׃
بىراق [ئاسۇرىيەلىكنىڭ] كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. 7
והוא לא כן ידמה ולבבו לא כן יחשב כי להשמיד בלבבו ולהכרית גוים לא מעט׃
ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟ 8
כי יאמר הלא שרי יחדו מלכים׃
كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ 9
הלא ככרכמיש כלנו אם לא כארפד חמת אם לא כדמשק שמרון׃
مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا، 10
כאשר מצאה ידי לממלכת האליל ופסיליהם מירושלם ומשמרון׃
سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ. 11
הלא כאשר עשיתי לשמרון ולאליליה כן אעשה לירושלם ולעצביה׃
بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى [ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن]، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ. 12
והיה כי יבצע אדני את כל מעשהו בהר ציון ובירושלם אפקד על פרי גדל לבב מלך אשור ועל תפארת רום עיניו׃
چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛ 13
כי אמר בכח ידי עשיתי ובחכמתי כי נבנותי ואסיר גבולת עמים ועתידתיהם שושתי ואוריד כאביר יושבים׃
مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ. 14
ותמצא כקן ידי לחיל העמים וכאסף ביצים עזבות כל הארץ אני אספתי ולא היה נדד כנף ופצה פה ומצפצף׃
پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟! 15
היתפאר הגרזן על החצב בו אם יתגדל המשור על מניפו כהניף שבט את מרימיו כהרים מטה לא עץ׃
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ [ئاسۇرىيەلكنىڭ] پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ. 16
לכן ישלח האדון יהוה צבאות במשמניו רזון ותחת כבדו יקד יקד כיקוד אש׃
«ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ. 17
והיה אור ישראל לאש וקדושו ללהבה ובערה ואכלה שיתו ושמירו ביום אחד׃
ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. 18
וכבוד יערו וכרמלו מנפש ועד בשר יכלה והיה כמסס נסס׃
بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ. 19
ושאר עץ יערו מספר יהיו ונער יכתבם׃
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ. 20
והיה ביום ההוא לא יוסיף עוד שאר ישראל ופליטת בית יעקב להשען על מכהו ונשען על יהוה קדוש ישראל באמת׃
بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. 21
שאר ישוב שאר יעקב אל אל גבור׃
ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ [چۈنكى] ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛ 22
כי אם יהיה עמך ישראל כחול הים שאר ישוב בו כליון חרוץ שוטף צדקה׃
چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 23
כי כלה ונחרצה אדני יהוה צבאות עשה בקרב כל הארץ׃
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ، 24
לכן כה אמר אדני יהוה צבאות אל תירא עמי ישב ציון מאשור בשבט יככה ומטהו ישא עליך בדרך מצרים׃
پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن. 25
כי עוד מעט מזער וכלה זעם ואפי על תבליתם׃
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛ 26
ועורר עליו יהוה צבאות שוט כמכת מדין בצור עורב ומטהו על הים ונשאו בדרך מצרים׃
ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ. 27
והיה ביום ההוא יסור סבלו מעל שכמך ועלו מעל צוארך וחבל על מפני שמן׃
مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛ 28
בא על עית עבר במגרון למכמש יפקיד כליו׃
ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛ 29
עברו מעברה גבע מלון לנו חרדה הרמה גבעת שאול נסה׃
ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! ئى بىچارە ئاناتوت! 30
צהלי קולך בת גלים הקשיבי לישה עניה ענתות׃
مادمەناھ بولسا قاچتى؛ گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛ 31
נדדה מדמנה ישבי הגבים העיזו׃
شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ. 32
עוד היום בנב לעמד ינפף ידו הר בית ציון גבעת ירושלם׃
مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ. 33
הנה האדון יהוה צבאות מסעף פארה במערצה ורמי הקומה גדועים והגבהים ישפלו׃
ئۇ تۆمۈر [قوراللار] بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛ لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ. 34
ונקף סבכי היער בברזל והלבנון באדיר יפול׃

< يەشايا 10 >