< يەشايا 10 >
قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي! | 1 |
Ve dem, som give ugudelige Love og udstede uretfærdige Skrivelser
تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ، ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ. | 2 |
for at fortrænge de ringe fra deres Ret og for at fravende de elendige iblandt mit Folk deres Ret, at Enkerne maa være deres Bytte, og at de kunne berøve de faderløse!
ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟ | 3 |
Men hvad ville I gøre imod Hjemsøgelsens Dag og imod den Ødelæggelse, som skal komme langt borte fra? til hvem ville I fly om Hjælp? og hvor ville I lade eders Herlighed blive?
ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. | 4 |
Enhver, som ikke maa bøje sig iblandt de bundne, skal falde iblandt de ihjelslagne. Med alt dette har hans Vrede ikke lagt sig; men hans Haand er endnu udrakt.
قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي! | 5 |
Ve Assur, min Vredes Ris! min Harme er Kæppen i hans Haand.
مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، [خەلقىمنى] كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن. | 6 |
Jeg sender ham imod et vanhelligt Folk og giver ham Befaling imod det Folk, som jeg er vred paa, til at gøre Bytte og røve Rov og til at træde det ned som Ler paa Gader.
بىراق [ئاسۇرىيەلىكنىڭ] كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. | 7 |
Men han, han mener det ikke saa, og hans Hjerte tænker ikke saa; men hans Hu staar til at ødelægge og at udrydde ikke faa Folk.
ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟ | 8 |
Thi han siger: Ere mine Fyrster ikke Konger til Hobe?
كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ | 9 |
Er det ikke gaaet Kalno som Karkemis? ikke Hamath som Arpad? ikke Samaria som Damaskus?
مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا، | 10 |
Ligesom min Haand har ramt Afgudernes Riger, hvor der var flere Billeder end i Jerusalem og i Samaria:
سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ. | 11 |
Mon jeg ikke, saaledes som jeg har gjort ved Samaria og dens Afguder, saaledes skal gøre ved Jerusalem og ved dens Afguder?
بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى [ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن]، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ. | 12 |
Og det skal ske, naar Herren har udrettet al sin Gerning paa Zions Bjerg og i Jerusalem, da vil jeg hjemsøge Kongen af Assyriens Hovmods Frugt og hans Hoffærdigheds Pragt.
چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛ | 13 |
Fordi han siger: Ved min Haands Kraft har jeg gjort det og ved min Visdom, thi jeg er forstandig; og jeg borttager Folkenes Landemærker og har røvet deres Forraad, og som den mægtige nedkaster jeg dem, som sidde i Højsædet.
مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ. | 14 |
Og min Haand har fundet hen til Folkenes Gods som til en Fuglerede, og jeg har sanket alt Landet, som man sanker Æg, der ere forladte; og der var ingen, som rørte en Vinge, eller som oplod Næbet og peb.
پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟! | 15 |
Kan vel Øksen rose sig imod den, som hugger med den? eller Saven trodse den, som trækker den? som om en Stav vilde svinge den, som opløfter den, eller som om en Kæp vilde opløfte den, som ikke er Træ?
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ [ئاسۇرىيەلكنىڭ] پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ. | 16 |
Derfor skal Herren, den Herre Zebaoth, sende Magerhed paa hans fede, og under hans Herlighed skal der brænde et Baal som et brændende Baal.
«ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ. | 17 |
Og Israels Lys skal vorde en Ild, og hans Hellige skal vorde en Lue; og den skal brænde og fortære hans Torn og Tidsler paa een Dag.
ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. | 18 |
Og hans Skovs og hans Frugthaves Herlighed skal den fortære med Rub og Stub; og han skal blive som en syg, der vansmægter.
بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ. | 19 |
Og de overblevne Træer i hans Skov skulle være faa i Tal, og et Barn skal kunne opskrive dem.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ. | 20 |
Og det skal ske paa den Dag, da skulle de overblevne i Israel og de undkomne af Jakobs Hus ikke mere forlade sig paa den, som slaar det; men de skulle forlade sig paa Herren, Israels Hellige, i Oprigtighed.
بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. | 21 |
De overblevne skulle omvende sig, de overblevne af Jakob, til den vældige Gud.
ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ [چۈنكى] ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛ | 22 |
Thi om dit Folk, o Israel! er som Havets Sand, skulle kun de overblevne deraf omvende sig; Fordærvelsen er bestemt, den breder sig ud med Retfærdighed som en Strøm.
چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. | 23 |
Thi Fordærvelsen og det besluttede Raad skal Herren, den Herre Zebaoth, udføre, midt i hele Landet.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ، | 24 |
Derfor, saa siger Herren, den Herre Zebaoth: Frygt ikke, mit Folk! du, som bor i Zion, for Assur; han slaar dig med Staven og opløfter sin Kæp over dig, paa samme Vis som Ægypterne.
پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن. | 25 |
Thi endnu et lidet, en føje Tid, saa skal Fortørnelsen endes, og min Vrede komme for at fortære dem.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛ | 26 |
Og den Herre Zebaoth skal svinge en Svøbe over ham, som da Midian blev slaaet paa Orebs Klippe, og sin Stav, som han hævede over Havet, den skal han opløfte paa samme Vis som i Ægypten.
ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ. | 27 |
Og det skal ske paa den Dag, da skal hans Byrde borttages fra dine Skuldre og hans Aag fra din Hals; og Aaget skal sprænges for Fedmens Skyld.
مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛ | 28 |
Han kommer over Ajat, han drager igennem Migron, han lader sit Tros blive tilbage i Mikmas.
ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛ | 29 |
De drage igennem Passet, de blive Natten over i Geba; Rama bæver, Sauls Gibea flyr.
ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! ئى بىچارە ئاناتوت! | 30 |
Raab højt, du Gallims Datter! giv Agt, Lajsa! ulykkeligt er Anathoth.
مادمەناھ بولسا قاچتى؛ گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛ | 31 |
Madmena flygter, Indbyggerne i Gebim samle sig til Flugt.
شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ. | 32 |
Endnu bliver han staaende denne Dag i Nob; saa løfter han sin Haand imod Zions Hus's Bjerg, imod Jerusalems Høj.
مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ. | 33 |
Se, Herren, den Herre Zebaoth, skal nedhugge de skønne Grene, saa man gruer; og de ranke Stammer skulle afhugges, og de høje skulle blive lave.
ئۇ تۆمۈر [قوراللار] بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛ لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ. | 34 |
Og den tykke Skov nedhugges med Jernet, og Libanon falder for den Mægtige.