< ھوشىيا 9 >
ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ. | 1 |
Freue dich nicht, Israel, bis zum Frohlocken, wie die Völker; denn du hast von deinem Gott weg gehurt, hast Buhlerlohn geliebt auf allen Korntennen.
خامان ۋە شاراب كۆلچىكى ئۇلارنى باقالمايدۇ؛ يېڭى شاراب ئۇنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. | 2 |
Tenne und Kelter werden sie nicht ernähren, und der Most wird sie täuschen.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ ئەفرائىم بەلكى مىسىرغا قايتىدۇ، ئۇلار ئاسۇرىيەدە ھارام تاماقنى يەيدۇ. | 3 |
Sie werden nicht im Lande Jehovas bleiben, sondern Ephraim wird nach Ägypten zurückkehren, und sie werden Unreines essen in Assyrien.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچ «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيمايدۇ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۇنىڭغا ھېچ خۇرسەنلىك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ. | 4 |
Sie werden Jehova keinen Wein spenden, und ihre Schlachtopfer werden ihm nicht angenehm sein: wie Trauerspeise wird es ihnen sein; alle, die davon essen, werden sich verunreinigen; denn für ihren Hunger wird ihre Speise sein, in das Haus Jehovas wird sie nicht kommen.
ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ [ئىبادەت] سورۇنلىرى» كۈنىدە، «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟ | 5 |
Was werdet ihr tun am Tage der Feier und am Tage des Festes Jehovas?
چۈنكى مانا، ئۇلار ھەتتا ھالاكەتتىن قاچقان بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ. | 6 |
Denn siehe, sie sind weggezogen wegen der Zerstörung; Ägypten wird sie sammeln, Moph sie begraben; ihre Kostbarkeiten an Silber werden die Nesseln in Besitz nehmen, Dornen werden in ihren Zelten sein.
ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى، يامانلىق قايتۇرىدىغان كۈنلەر كەلدى؛ ئىسرائىل بۇنى بىلىپ يەتسۇن! سېنىڭ قەبىھلىكىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، زور نەپرىتىڭ بولغىنى تۈپەيلىدىن، پەيغەمبەر «ئەخمەق»، روھقا تەۋە بولغۇچى «ساراڭ» دەپ ھېسابلىنىدۇ. | 7 |
Gekommen sind die Tage der Heimsuchung, gekommen die Tage der Vergeltung; Israel wird es erfahren. Der Prophet wird närrisch, der Mann des Geistes wahnsinnig, wegen der Größe deiner Ungerechtigkeit und der großen Feindseligkeit.
پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ بىراق ئۇنىڭغا بارلىق يوللىرىدا قىلتاقلار قويۇلغان، خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە. | 8 |
Ephraim schaut nach Offenbarungen aus neben meinem Gott; der Prophet, eines Vogelstellers Schlinge ist auf allen seinen Wegen, Feindseligkeit ist im Hause seines Gottes.
گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان، ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. | 9 |
Tief haben sie sich verderbt wie in den Tagen von Gibea. Er wird ihrer Ungerechtigkeit gedenken, er wird ihre Sünden heimsuchen.
ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛ ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛ ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى، ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى. | 10 |
Ich fand Israel wie Trauben in der Wüste; wie eine Frühfrucht am Feigenbaum, in seinem ersten Triebe, ersah ich eure Väter. Sie aber gingen nach Baal-Peor und weihten sich der Schande, und sie wurden Greuel wie ihr Buhle.
ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ ــ خۇددى تۇغۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك، ھامىلە بولۇپ باقمىغاندەك، بويىدا ئاپىرىدە بولۇش بولۇپ باقمىغاندەك! | 11 |
Ephraim, dem Vogel gleich wird ihre Herrlichkeit wegfliegen. Kein Gebären und keine Schwangerschaft und keine Empfängnis:
ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! | 12 |
ja, wenn sie auch ihre Söhne groß ziehen, so werde ich sie doch derselben berauben, so daß kein Mann mehr bleibt; denn wehe ihnen, wenn ich von ihnen weichen werde!
مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى؛ بىراق ئەفرائىم بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدۇ. | 13 |
Ephraim, wie ich hinschaute, war ein Tyrus, auf der Aue gepflanzt; aber Ephraim muß seine Söhne zum Würger hinausbringen.
ئۇلارغا بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار ــ زادى نېمە بەرگىنىڭ تۈزۈك؟ ــ ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن! | 14 |
Gib ihnen, Jehova; was wirst du ihnen geben? Gib ihnen einen unfruchtbaren Mutterleib und trockene Brüste!
ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرسالىق قىلىدۇ. | 15 |
Alle ihre Bosheit ist zu Gilgal, denn daselbst habe ich sie gehaßt. Wegen der Bosheit ihrer Handlungen werde ich sie aus meinem Hause vertreiben; ich werde sie nicht mehr lieben; alle ihre Fürsten sind Abtrünnige.
ئەفرائىم ئەمدى ئۇرۇۋېتىلدى؛ ئۇلارنىڭ يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ئۇلار ھېچ مېۋە بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ، بالىياتقۇسىنىڭ سۆيۈملۈك مېۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. | 16 |
Ephraim ist geschlagen: ihre Wurzel ist verdorrt, sie werden keine Frucht bringen; selbst wenn sie gebären, werde ich die Lieblinge ihres Leibes töten.
مېنىڭ خۇدايىم ئۇلارنى چەتكە قاقتى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا سەرسان بولىدۇ. | 17 |
Mein Gott verwirft sie, weil sie nicht auf ihn gehört haben; und sie sollen Flüchtlinge sein unter den Nationen.