< ھوشىيا 8 >
كاناينى ئاغزىڭغا سالغىن! پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان، تەۋرات-قانۇنۇمغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. | 1 |
Трубу на уста, и реци: Као орао иде на дом Господњи; јер преступише завет мој и отпадише се од закона мог.
ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ. | 2 |
Израиљ ће викати ка мени; Боже мој; познајемо Те.
ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن؛ شۇڭا دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ. | 3 |
Израиљ је оставио добро; непријатељ ће га гонити.
ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان. | 4 |
Постављају цареве, али не од мене; подижу кнезове, за које ја не знам; од сребра свог и од злата свог граде себи ликове, да се истребе.
ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى! مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغالدى؛ ئۇلار قاچانغىچە پاكلىقتىن يىراق تۇرىدۇ؟ | 5 |
Оставило те је теле твоје, Самаријо; јарост се моја распалила на њих; докле се неће моћи очистити?
شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ! | 6 |
Јер је и оно од Израиља, начинио га је уметник, и није Бог; теле ће самаријско отићи у комаде.
چۈنكى ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى. | 7 |
Јер сеју ветар, па ће жети олују; стабљике неће имати, клица неће дати брашно, да би и дала, прождреће га туђинци.
ئىسرائىل يۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار يات ئەللەر ئارىسىدا يارىماس بىر قاچا بولۇپ قالدى؛ | 8 |
Прождреће се Израиљ, биће међу народима као суд на коме нема милине.
چۈنكى ئۇلار يالغۇز يۈرگەن ياۋايى ئېشەكتەك ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ چىقتى؛ ئەفرائىم «ئاشنا»لارنى ياللىۋالدى. | 9 |
Јер отидоше к Асирцу, дивљем магарцу, који је сам за се; Јефрем наима љубавнике.
گەرچە ئۇلار ئەللەر ئارىسىدىن «ياللىۋالغان» بولسىمۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛ ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ. | 10 |
А што наимаше међу народима, ја ћу их сабрати; а већ и окусише мало ради бремена Цара над кнезовима.
ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى. | 11 |
Што умножи Јефрем олтаре да греши, биће му олтари на грех.
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ، ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا. | 12 |
Написах му велике ствари у закону свом; али му се чине као нешто туђе.
ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ، بىراق پەرۋەردىگار بۇلاردىن ھېچ خۇرسەنلىك ئالمايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ھازىر ئېسىگە كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ! | 13 |
За жртве, које ми приносе, приносе месо, и једу га; Господ их не прима; сада ће се опоменути безакоња њихова и походиће грехе њихове; они ће се вратити у Мисир.
چۈنكى ئىسرائىل ئۆز ياسىغۇچىسىنى ئۇنتۇپ، «ئىبادەتخانا»لارنى قۇرىدۇ؛ يەھۇدا بولسا ئىستىھكاملاشتۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆپەيتكەن؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بۇلارنىڭ قەلئە-ئوردىلىرىنى يەپ كېتىدۇ. | 14 |
Израиљ заборави Творца свог, и сагради дворове, и Јуда умножи тврде градове; али ћу пустити огањ у градове овом, и спалиће дворове оном.