< ھوشىيا 8 >

كاناينى ئاغزىڭغا سالغىن! پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان، تەۋرات-قانۇنۇمغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. 1
אל חכך שפר כנשר על בית יהוה--יען עברו בריתי ועל תורתי פשעו
ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ. 2
לי יזעקו אלהי ידענוך ישראל
ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن؛ شۇڭا دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ. 3
זנח ישראל טוב אויב ירדפו
ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان. 4
הם המליכו ולא ממני השירו ולא ידעתי כספם וזהבם עשו להם עצבים למען יכרת
ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى! مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغالدى؛ ئۇلار قاچانغىچە پاكلىقتىن يىراق تۇرىدۇ؟ 5
זנח עגלך שמרון חרה אפי בם עד מתי לא יוכלו נקין
شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ! 6
כי מישראל והוא--חרש עשהו ולא אלהים הוא כי שבבים יהיה עגל שמרון
چۈنكى ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى. 7
כי רוח יזרעו וסופתה יקצרו קמה אין לו צמח בלי יעשה קמח--אולי יעשה זרים יבלעהו
ئىسرائىل يۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار يات ئەللەر ئارىسىدا يارىماس بىر قاچا بولۇپ قالدى؛ 8
נבלע ישראל עתה היו בגוים ככלי אין חפץ בו
چۈنكى ئۇلار يالغۇز يۈرگەن ياۋايى ئېشەكتەك ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ چىقتى؛ ئەفرائىم «ئاشنا»لارنى ياللىۋالدى. 9
כי המה עלו אשור פרא בודד לו אפרים התנו אהבים
گەرچە ئۇلار ئەللەر ئارىسىدىن «ياللىۋالغان» بولسىمۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛ ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ. 10
גם כי יתנו בגוים עתה אקבצם ויחלו מעט ממשא מלך שרים
ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى. 11
כי הרבה אפרים מזבחות לחטא היו לו מזבחות לחטא
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ، ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا. 12
אכתוב (אכתב) לו--רבו (רבי) תורתי כמו זר נחשבו
ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ، بىراق پەرۋەردىگار بۇلاردىن ھېچ خۇرسەنلىك ئالمايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ھازىر ئېسىگە كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ! 13
זבחי הבהבי יזבחו בשר ויאכלו--יהוה לא רצם עתה יזכר עונם ויפקד חטאותם--המה מצרים ישובו
چۈنكى ئىسرائىل ئۆز ياسىغۇچىسىنى ئۇنتۇپ، «ئىبادەتخانا»لارنى قۇرىدۇ؛ يەھۇدا بولسا ئىستىھكاملاشتۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆپەيتكەن؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بۇلارنىڭ قەلئە-ئوردىلىرىنى يەپ كېتىدۇ. 14
וישכח ישראל את עשהו ויבן היכלות ויהודה הרבה ערים בצרות ושלחתי אש בעריו ואכלה ארמנתיה

< ھوشىيا 8 >