< ھوشىيا 7 >

مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە، مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە، ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1
Men Öz xelqimning asaritini buzup tashlap, azadliqqa érishtürey dégende, Men Israilni saqaytay dégende, Emdi Efraimning qebihliki, Samariyening rezillikimu ashkarilinidu; Chünki ular aldamchiliq qilidu; Oghrilar bolsa bösüp kiriwatidu, Qaraqchilar topi sirtta bulangchiliq qiliwatidu.
ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر. 2
Ular könglide Méning ularning barliq rezilliklirini ésimde tutqanliqimni oylimaydu; Hazir ularning qilmishliri özlirini qistawatidu; Bu ishlar köz aldimdidur.
ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن، ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛ 3
Ular padishahni rezillikliri bilen, Emirlerni yalghan gepliri bilen xursen qilidu;
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛ 4
Ularning hemmisi zinaxorlar; Ular naway ot salghan tonurdek; Naway xémirni yughurup, xémir bolghuche uning otini yene ulghaytmaydu;
پادىشاھىمىز [تەبرىكلەنگەن] كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ [پادىشاھ] بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى! 5
Padishahimiz [tebriklen’gen] künide, emirler sharabning keypi bilen özlirini zeipleshtürdi; [Padishah] bolsa mazaq qilghuchilar bilen qol élishishqa intildi!
چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛ سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ. 6
Chünki ular könglini tonurdek qizitip suyiqest püküp qoyghanidi; Kéchiche ularning ghezipi choghlinip turidu; Seherdila u yan’ghan ottek yalqunlap kétidu.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ! 7
Ularning hemmisi tonurdek qiziqtur, ular öz soraqchilirini yep kétidu; Ularning barliq padishahliri yiqildi — Ulardin héchkim méni nida qilip chaqirmaydu!
ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛ ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر. 8
Efraim yat qowmlar bilen ariliship ketti; U «örülmigen bir qoturmach»dektur.
يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ بەرھەق، [بېشىنىڭ] ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛ 9
Yat ademler uning küchini yep ketti, biraq u héch sezmeydu; Berheq, [béshining] u yer-bu yéride aq chachlar körünidu, biraq u héch bilmeydu;
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ ياكى شۇنداق ئىشلار [بېشىغا] چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ. 10
Shuning bilen Israilning tekebburluqi özige qarshi guwah béridu; Ular Perwerdigar Xudasining yénigha qaytmaydu; Yaki shundaq ishlar [béshigha] chüshken bolsimu, yenila Uni izdimeydu.
ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛ مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛ 11
Efraim héch eqli yoq nadan bir paxtektek; Misirgha qarap sayraydu, Asuriyeni izdep baridu;
ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛ خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛ [بۇ خەۋەر] ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن. 12
Ular barghanda, ularning üstige torumni tashlaymen; Xuddi asmandiki uchar-qanatlarni torgha chüshürgendek ularni chüshürimen; [Bu xewer] ularning jamaitige yétishi bilenla, ularni jazalaymen.
ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ! 13
Ulargha way! Chünki ular Mendin yiraqliship ténip ketti! Ular halak bolsun! Chünki ular Manga wapasizliq qildi! Men ularni qutquzup hörlükke chiqiray dégende, Ular Men toghruluq yalghan gep qilidu!
ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى. 14
Ular ornida yétip nale qilghanda, Manga könglide héch nida qilmidi; Ularning jamaetke yighilishi peqet ash we yéngi sharab üchündur, xalas; Ular Mendin chetlep ketti.
بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن، ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛ بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ. 15
Berheq, Men esli ularni terbiyiligenmen, Ularning bileklirini chéniqturup kücheytküzgenidim; Biraq ular Manga qarshi yamanliq qestlewatidu.
ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل-ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ. 16
Ular buruldi — biraq burulushi Hemmidin Aliy Bolghuchigha qaytish üchün emes; Ular aldamchi bir oqyagha oxshash. Ularning emirliri özlirining ghaljirane til-ahanetliri wejidin qilichlinidu; Bu ish Misir zéminida ularni mesxirige qalduridu.

< ھوشىيا 7 >