< ھوشىيا 7 >
مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە، مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە، ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ، قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. | 1 |
當我著手醫治以色列時,厄弗辣因的罪孽就顯露出來,撒馬利亞的惡也顯露出來,因為他們行了詭詐的事:竊賊潛入內室,而外遇強盜;
ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر. | 2 |
但他們並不存心細想:我記住他們的一切惡行。現今他們的行為圍繞著他們,一一擺在我眼前。
ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن، ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛ | 3 |
他們使君王喜歡,是出於惡意,使首領快樂,是出於詭詐。
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛ | 4 |
個個燃起了怒火,像一座火爐,伙夫暫停煽火,直到和好的麵團發酵。
پادىشاھىمىز [تەبرىكلەنگەن] كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ [پادىشاھ] بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى! | 5 |
在他們君王的慶日上,當官長們酒勁發作,不能支持的時候,君王便和惡徒勾結起來。
چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛ سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ. | 6 |
他們的心雖因陰謀而焦慮得像火爐一樣,但他們的怒火卻整夜停息;一到早晨,卻又如烈火復燃。
ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ! | 7 |
個個像火爐一樣,熾燃起來,吞噬了他們的官長;他們的君王都倒斃了,但沒有一個向我呼求。
ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛ ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر. | 8 |
厄弗辣因想混雜在列邦之中,厄弗辣因成了一塊尚未翻過的烤餅。
يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ بەرھەق، [بېشىنىڭ] ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛ | 9 |
外邦人耗盡了她的力量,她尚不自覺,頭上已佈滿了白髮,她還不知曉。
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ ياكى شۇنداق ئىشلار [بېشىغا] چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ. | 10 |
[雖然如此,以色列的驕傲仍呈現在自己面上,他們仍不歸依,仍不尋求上主,他們的天主]。
ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛ مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛ | 11 |
厄弗辣因像愚蠢無知的鴿子,一時求救埃及,一時又投奔亞述;
ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛ خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛ [بۇ خەۋەر] ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن. | 12 |
可是不論他們往何處去,我要向他們撒開我的羅網,使他們像天上的飛鳥跌下:一聽到他們聚齊待飛,我便將他們捕捉。
ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ! | 13 |
他們有禍了! 因為他們遠離離了我;他們必遭受毀滅,因為他們背叛了我。我原想拯救他們,但他們卻對我撒謊,
ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى. | 14 |
並沒有真心呼求我,只是在祭壇旁悲歎;為了五榖和新酒,仍自割己身,仍背叛我。
بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن، ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛ بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ. | 15 |
我雖然加強了他們的手臂,然而他們仍圖謀邪惡反抗我。
ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل-ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ. | 16 |
他們歸向了虛無,變成了歪曲的弓;他們的首領因自己的狂言,必喪身刀下,且在埃及地為人恥笑。