«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ. | 1 |
לְכוּ וְנָשׁוּבָה אֶל־יְהוָה כִּי הוּא טָרָף וְיִרְפָּאֵנוּ יַךְ וְיַחְבְּשֵֽׁנוּ׃ |
ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز! | 2 |
יְחַיֵּנוּ מִיֹּמָיִם בַּיּוֹם הַשְּׁלִישִׁי יְקִמֵנוּ וְנִחְיֶה לְפָנָֽיו׃ |
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!». | 3 |
וְנֵדְעָה נִרְדְּפָה לָדַעַת אֶת־יְהוָה כְּשַׁחַר נָכוֹן מֽוֹצָאוֹ וְיָבוֹא כַגֶּשֶׁם לָנוּ כְּמַלְקוֹשׁ יוֹרֶה אָֽרֶץ׃ |
ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر. | 4 |
מָה אֶֽעֱשֶׂה־לְּךָ אֶפְרַיִם מָה אֶעֱשֶׂה־לְּךָ יְהוּדָה וְחַסְדְּכֶם כַּֽעֲנַן־בֹּקֶר וְכַטַּל מַשְׁכִּים הֹלֵֽךְ׃ |
شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛ مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ. | 5 |
עַל־כֵּן חָצַבְתִּי בַּנְּבִיאִים הֲרַגְתִּים בְּאִמְרֵי־פִי וּמִשְׁפָּטֶיךָ אוֹר יֵצֵֽא׃ |
چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. | 6 |
כִּי חֶסֶד חָפַצְתִּי וְלֹא־זָבַח וְדַעַת אֱלֹהִים מֵעֹלֽוֹת׃ |
بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛ ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان. | 7 |
וְהֵמָּה כְּאָדָם עָבְרוּ בְרִית שָׁם בָּגְדוּ בִֽי׃ |
گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛ ئۇ قان بىلەن بويالغان. | 8 |
גִּלְעָד קִרְיַת פֹּעֲלֵי אָוֶן עֲקֻבָּה מִדָּֽם׃ |
قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك، كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛ بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا. | 9 |
וּכְחַכֵּי אִישׁ גְּדוּדִים חֶבֶר כֹּֽהֲנִים דֶּרֶךְ יְרַצְּחוּ־שֶׁכְמָה כִּי זִמָּה עָשֽׂוּ׃ |
ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛ ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ، ئىسرائىل بۇلغاندى. | 10 |
בְּבֵית יִשְׂרָאֵל רָאִיתִי שעריריה שַׁעֲרֽוּרִיָּה שָׁם זְנוּת לְאֶפְרַיִם נִטְמָא יִשְׂרָאֵֽל׃ |
يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان [گۇناھلىرىڭنىڭ] ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر! | 11 |
גַּם־יְהוּדָה שָׁת קָצִיר לָךְ בְּשׁוּבִי שְׁבוּת עַמִּֽי׃ |