< ھوشىيا 5 >
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى كاھىنلار، تىڭشاڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، قۇلاق سېلىڭلار، ئى پادىشاھنىڭ جەمەتى؛ چۈنكى بۇ ھۆكۈم سىلەرگە بېكىتىلگەن؛ چۈنكى سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر. | 1 |
Buni anglanglar, i kaⱨinlar, Tingxanglar, i Israil jǝmǝti, Ⱪulaⱪ selinglar, i padixaⱨning jǝmǝti; Qünki bu ⱨɵküm silǝrgǝ bekitilgǝn; Qünki silǝr Mizpaⱨ xǝⱨiridǝ bir ⱪiltaⱪ, Tabor teƣida yeyilƣan bir tor bolƣansilǝr.
ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىغۇچى بولىمەن. | 2 |
Asiy adǝmlǝrmu ⱪirƣin-qapⱪunƣa qɵküp kǝtti; Biraⱪ Mǝn ularning ⱨǝmmisini jazaliƣuqi bolimǝn.
ئەفرائىمنى بىلىمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ چۈنكى ئى ئەفرائىم، سەن ھازىر پاھىشىلىك قىلدىڭ، ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر. | 3 |
Əfraimni bilimǝn, Israil mǝndin yoxurun ǝmǝs; Qünki i Əfraim, sǝn ⱨazir paⱨixilik ⱪilding, Israil bulƣanƣandur.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنى خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتىشىغا قويمايدۇ؛ چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلار ئارىسىدىدۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارنى ھېچ بىلمەيدۇ. | 4 |
Ularning ⱪilmixliri ularni Hudasining yeniƣa ⱪaytixiƣa ⱪoymaydu; Qünki paⱨixilikning roⱨi ular arisididur, Ular Pǝrwǝrdigarni ⱨeq bilmǝydu.
ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرمەكتە؛ ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆز قەبىھلىكى بىلەن يىقىلىپ كېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ. | 5 |
Israilning tǝkǝbburluⱪi ɵzigǝ ⱪarxi guwaⱨliⱪ bǝrmǝktǝ; Israil wǝ Əfraim ɵz ⱪǝbiⱨliki bilǝn yiⱪilip ketidu; Yǝⱨudamu ular bilǝn tǝng yiⱪilidu.
ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛ بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى. | 6 |
Ular ⱪoy padiliri wǝ kala padilirini elip Pǝrwǝrdigarni izdǝxkǝ baridu; Biraⱪ ular Uni tapalmaydu; qünki U Ɵzini tartip ulardin yiraⱪlaxti.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدى، چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ھارامدىن تۇغدۇرغان؛ ئەمدى «يېڭى ئاي» ئۇلارنى نېسىۋىلىرى بىلەن يەپ كېتىدۇ. | 7 |
Ular Pǝrwǝrdigarƣa asiyliⱪ ⱪildi, Qünki ular balilarni ⱨaramdin tuƣdurƣan; Əmdi «yengi ay» ularni nesiwiliri bilǝn yǝp ketidu.
گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن! | 8 |
Gibeaⱨta sunayni, Ramaⱨda kanayni qelinglar; Bǝyt-awǝndǝ agaⱨ signalini anglitinglar; Kǝyningdǝ! Ⱪara, i Binyamin!
ئەفرائىم ئەيىبلىنىدىغان كۈنىدە ۋەيرانە بولىدۇ؛ مانا، ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىشنى ئايان قىلدىم! | 9 |
Əfraim ǝyiblinidiƣan künidǝ wǝyranǝ bolidu; Mana, Israil ⱪǝbililiri arisida bekitilgǝn ixni ayan ⱪildim!
يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى پاسىل تاشلارنى يۆتكىگۈچىگە ئوخشاشتۇر؛ مەن ئۇلار ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن. | 10 |
Yǝⱨudaning ǝmirliri pasil taxlarni yɵtkigüqigǝ ohxaxtur; Mǝn ular üstigǝ ƣǝzipimni sudǝk tɵküwetimǝn.
ئەفرائىم خورلانغان، جازايىمدا ئېزىلگەن، چۈنكى ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى. | 11 |
Əfraim horlanƣan, jazayimda ezilgǝn, Qünki u ɵz beximqiliⱪ ⱪilip «paskiniliⱪ»ni ⱪoƣlap yürdi.
شۇڭا مەن ئەفرائىمغا كۈيى قۇرتى، يەھۇدا جەمەتىگە چىرىتكۈچ بولىمەن. | 12 |
Xunga Mǝn Əfraimƣa küyǝ ⱪurti, Yǝⱨuda jǝmǝtigǝ qiritküq bolimǝn.
ئەمدى ئەفرائىم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرگەندە، ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى؛ بىراق ئۇ ھەم سىلەرنى ساقايتالمايتتى، - ھەم ياراڭلارنىمۇ داۋالىيالمايتتى. | 13 |
Əmdi Əfraim ɵzining kesilini, Yǝⱨuda ɵz yarisini kɵrgǝndǝ, Əfraim Asuriyǝlikni izdǝp bardi, «Jedǝlhor padixaⱨ»ƣa tǝlipini yollidi; Biraⱪ u ⱨǝm silǝrni saⱪaytalmaytti, Ⱨǝm yaranglarnimu dawaliyalmaytti.
چۈنكى مەن ئەفرائىمغا شىردەك، يەھۇدا جەمەتىگە ئارسلاندەك بولىمەن؛ مەن، يەنى مەنكى، ئۇلارنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىپ، كېتىپ قالىمەن؛ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىمەن، قۇتقۇزالايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ؛ | 14 |
Qünki Mǝn Əfraimƣa xirdǝk, Yǝⱨuda jǝmǝtigǝ arslandǝk bolimǝn; Mǝn, yǝni Mǝnki, ularni titma-titma ⱪiliwetip, ketip ⱪalimǝn; Ularni elip ketimǝn, ⱪutⱪuzalaydiƣan ⱨeqkim qiⱪmaydu;
مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ. | 15 |
Mǝn ketimǝn, ular gunaⱨini tonup yetip, yüzümni izdimigüqǝ ɵz jayimƣa ⱪaytip turimǝn; Bexiƣa kün qüxkǝndǝ ular Meni intilip izdǝydu.