< ھوشىيا 4 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ | 1 |
Slyšte slovo Hospodinovo, ó synové Izraelští, neboť má rozepři Hospodin s obyvateli země této, proto že není žádné věrnosti, ani žádného milosrdenství, ani žádné známosti Boží v této zemi.
قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. | 2 |
Proklínání a lži a vraždy, a zlodějství i cizoložství na vrch zrostlo, a vražda vraždu postihá.
مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ. | 3 |
Protož kvíliti bude tato země, a umdlí všecko, což v ní přebývá, živočichové polní i ptactvo nebeské, ano i ryby mořské zhynou.
ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن! | 4 |
A však žádný jim nedomlouvej, aniž jich kdo tresci; nebo lid tvůj podobni jsou těm, kteříž se vadí s knězem.
سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن. | 5 |
Protož ve dne padneš, padne také i prorok s tebou v noci, zahladím i matku tvou.
مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. | 6 |
Vyhlazen bude lid můj pro neumění. Poněvadž jsi ty pohrdl uměním, i tebou pohrdnu, abys mi kněžství nekonal; a že jsi zapomněl na zákon Boha svého, já také zapomenu se na syny tvé.
ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. | 7 |
Čím se více rozmohli, tím více hřešili proti mně; slávu jejich v pohanění směním.
ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جېنى [خەلقىمنىڭ] قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ. | 8 |
Oběti za hřích lidu mého jedí, protož k nepravosti jejich duše své pozdvihují.
ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن [كاھىنلارنىڭ] تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن. | 9 |
Pročež stane se jakž lidu tak knězi. Nebo vyhledávati budu na něm cest jeho, a skutky jeho jemu vrátím.
ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ، ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنى تىڭشاشنى تاشلاپ كەتتى، | 10 |
I budou jísti, a však se nenasytí, smilniti budou, ale nerozmnoží se; nebo nechtějí pozoru míti na Hospodina.
ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ. | 11 |
Smilství a víno a mest odjímá srdce.
خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش! چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ، | 12 |
Lid můj dřeva svého se dotazuje, a hůl jeho oznamuje jemu; nebo je duch smilství v blud uvodí, aby smilnili, odcházejíce od Boha svého.
تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛ شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ. | 13 |
Na vrších hor obětují, a na pahrbcích kadí, pod doubím a topolím a jilmovím, nebo jest příhodný stín jejich; protož smilní dcery vaše, a nevěsty vaše cizoloží.
مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ چۈنكى [ئاتىلىرى] ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ، «بۇتخانا پاھىشە»لىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلمىغان بىر خەلق يىقىتىلىدۇ. | 14 |
Nevyhledával-liž bych na dcerách vašich, že smilní, a na nevěstách vašich, že cizoloží, že tito s nevěstkami se oddělují, a s ženkami obětují? Anobrž lid, kterýž sobě nesrozumívá, padne.
سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار. | 15 |
Jestliže smilníš ty Izraeli, nechažť nehřeší Juda. Protož nechoďtež do Galgala, aniž vstupujte do Betaven, aniž přisahejte: Živť jest Hospodin.
چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟ | 16 |
Nebo jako jalovice tvrdošijná tvrdošijný jest Izrael, jižť je pásti bude Hospodin jako beránka na prostranně.
ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن! | 17 |
Efraim stovaryšil se s modlami, nechej ho.
ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى. | 18 |
Zpurné je činí nápoj jejich, velice smilní, milují: Dejte. Ochráncové jeho jsou ohyzda.
بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى، ئۇلار قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ. | 19 |
Zachvátí je vítr křídly svými, i budou zahanbeni pro své oběti.