< ھوشىيا 3 >
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: ــ يەنە بارغىن، ئاشنىسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، زىناخور بىر ئايالنى سۆيگىن؛ گەرچە ئىسرائىللار يات ئىلاھلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن، «كىشمىش پوشكال»لارنى سۆيگەن بولسىمۇ، [مەن] پەرۋەردىگار ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈمدەك سەن ئۇنى سۆيگىن، ــ دېدى | 1 |
Yahvé me dijo: “Vuelve a amar a una mujer amada por otro, y a una adúltera, como Yahvé ama a los hijos de Israel, aunque se vuelvan a otros dioses, y amen las tortas de pasas.”
(شۇڭا مەن ئون بەش كۈمۈش تەڭگە، بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم؛ | 2 |
Así que la compré para mí por quince piezas de plata y un homer y medio de cebada.
مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم). | 3 |
Le dije: “Te quedarás conmigo muchos días. No harás de prostituta, y no estarás con ningún otro hombre. Yo también seré así contigo”.
ــ «چۈنكى ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ. | 4 |
Porque los hijos de Israel vivirán muchos días sin rey, sin príncipe, sin sacrificio, sin piedra sagrada y sin efod ni ídolos.
ۋە كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەۋرىنىپ ئەيمىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ كېلىدۇ». | 5 |
Después, los hijos de Israel volverán y buscarán a Yahvé, su Dios, y a David, su rey, y acudirán con temor a Yahvé y a sus bendiciones en los últimos días.