< ھوشىيا 2 >
ــ ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن! | 1 |
— Ananglargha dewayimni yetküzüp, uning bilen dewalishinglar; chünki u Méning ayalim emes we Men uning éri emes; u pahishilik turqini chirayidin, zinaxorluq haletlirini köksining arisidin yaqatsun!
بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛ مەن ئۇنى خۇددى چۆل-باياۋانغا ئوخشاش قىلىمەن، ئۇنى بىر قاغجىراق يەرگە ئايلاندۇرىمەن، ئۇنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ | 3 |
Bolmisa, Men uni qip-yalingach qilip qoyimen, tughulghan künidikidek anidin tughma qilip qoyimen; Men uni xuddi chöl-bayawan’gha oxshash qilimen, Uni bir qaghjiraq yerge aylandurimen, Uni ussuzluq bilen öltürimen;
ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشىلىكلەردىن تۆرەلگەن بالىلاردۇر. | 4 |
Uning balilirigha rehim qilmaymen, Chünki ular pahishiliklerdin törelgen balilardur.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان، ئۇلارنى قارنىدا كۆتۈرگۈچى نومۇسسىزلىق قىلغان؛ چۈنكى ئۇ: «مەن ماڭا نان ۋە سۈيۈمنى، يۇڭ ۋە كاناپىمنى، زەيتۇن مېيىم ۋە ئىچىملىك-شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن» ــ دېدى. | 5 |
Chünki ularning anisi pahishilik qilghan, Ularni qarnida kötürgüchi nomussizliq qilghan; Chünki u: «Men manga nan we süyümni, yung we kanapimni, zeytun méyim we ichimlik-sharablirimni teminligüchi ashnilirimgha intilip ularni qoghlishimen» — dédi.
ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن-جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن، [ئىسرائىلنىڭ] ئەتراپىنى تام بىلەن توسىمەن، ئۇ چىغىر يوللىرىنى تاپالمايدىغان بولىدۇ. | 6 |
— Shunga mana, Men yolungni tiken-jighanliqlar bilen chitlap qorshiwalimen, [Israilning] etrapini tam bilen tosimen, u chighir yollirini tapalmaydighan bolidu.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇ: «مەن بېرىپ بىرىنچى ئېرىمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمەن؛ چۈنكى ئەھۋالىم بۈگۈنكىدىن ياخشى ئىدى» ــ دەيدۇ. | 7 |
Shuning bilen u ashnilirini qoghlaydu, biraq ulargha yétishelmeydu; Ularni izdeydu, tapalmaydu; Shunglashqa u: «Men bérip birinchi érimni tépip, uning yénigha qaytimen; chünki ehwalim bügünkidin yaxshi idi» — deydu.
ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، ئۆزلىرى «بائال» بۇتلارنى ياساشقا ئىشلەتكەن كۈمۈش-ئالتۇننى كۆپ قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى زادى بىلمىدى. | 8 |
— U ziraetlerni, yéngi sharab we zeytun méyini teminligüchining Men ikenlikimni, Özliri «Baal» butlarni yasashqa ishletken kümüsh-altunni köp qilghuchining Men ikenlikimni zadi bilmidi.
شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا، يېڭى شارابلىرىمنى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈمدىكى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىشقا كېرەكلىك يۇڭ-كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن؛ | 9 |
Shunga Men qaytip kélimen, uningdiki ziraetlirimni öz waqtida, Yéngi sharablirimni öz peslide élip kétimen, Özümdiki ularning yalingachliqini yépishqa kéreklik yung-kanaplirimni bermey qayturup kétimen;
ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. | 10 |
Hazir Men uning nomussizliqini ashnilirining köz aldida ashkarilaymen, Héchkim uni qolumdin qutquzalmaydu.
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛ ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا! ئۇنىڭ «شابات»لىرىغا! قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق «جامائەت ئىبادەت سورۇن»لىرىغا خاتىمە بېرىمەن! | 11 |
Shundaq qilip uning tamashalirigha xatime bérimen; Uning héytlirigha! Uning «yéngi ay»lirigha! Uning «shabat»lirigha! Qisqisi, uning barliq «jamaet ibadet sorun»lirigha xatime bérimen!
ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇ بۇلارنى: «بۇلار بولسا ئاشنىلىرىم ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىلىرىمدۇر!» دېگەنىدى؛ مەن بۇلارنى جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن، ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ. | 12 |
We Men uning üzüm tallirini we enjür derexlirini weyran qilimen; U bularni: «Bular bolsa ashnilirim manga bergen ish heqqilirimdur!» dégenidi; Men bularni janggalgha aylandurimen, yawayi haywanlar ularni yep kétidu.
مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇ [شۇ كۈنلىرىدە] ئۇلارغا ئىسرىق سالاتتى، ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن پەردازلاپ، ئاشنىلىرىنى قوغلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدى ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 13 |
Men uning béshigha «Baal»larning künlirini chüshürimen; Chünki u [shu künliride] ulargha isriq salatti, U özini üzükliri we zibu-zinnetliri bilen perdazlap, Ashnilirini qoghliship, Méni untudi — deydu Perwerdigar.
شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن. | 14 |
Shunga mana, Men uning könglini alimen, Uni dalagha élip kélimen, könglige sözleymen.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدەك كۈي-ناخشا ئېيتىدۇ. | 15 |
Shundaq qilip Men uninggha shu yerde üzümzarlirini qayturimen, «Aqor jilghisi»ni «ümid ishiki» qilip bérimen; Andin u shu yerde yashliq künliridikidek, Misir zéminidin chiqqan künidek küy-naxsha éytidu.
ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن. | 16 |
We shu küni emelge ashuruliduki, — deydu Perwerdigar —«Sen Méni «érim» dep chaqirisen, Ikkinchi Méni «Baal»im démeysen.
چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلار بۇ نامى بىلەن ئىككىنچى ھېچقانداق ئەسلەنمەيدۇ. | 17 |
Chünki Men «Baal»larning namlirini séning aghzingdin élip tashlaymen, Ular bu nami bilen ikkinchi héchqandaq eslenmeydu.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمۈلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ [خەلقىمنى] ئامان-ئېسەن ياتقۇزىمەن. | 18 |
Shuning bilen Men ular üchün daladiki haywanlar, asmandiki uchar-qanatlar we yer yüzidiki ömüligüchiler bilen ehde tüzimen; Men oqya, qilich we jengni sundurup zémindin élip tashlaymen; [xelqimni] aman-ésen yatquzimen.
شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ | 19 |
Shundaq qilip Men séni ebedil’ebed Özümge baghlaymen; heqqaniyliqta, méhir-muhebbette, rehim-shepqetlerde séni Özümge baghlaymen;
ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن. | 20 |
Sadaqetlikte séni Özümge baghlaymen, shuning bilen sen Perwerdigarni bilip yétisen.
ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر-زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ | 21 |
We shu künide emelge ashuruliduki, «Men anglaymen» — deydu Perwerdigar, — «Men asmanlarning telipini anglaymen, bular yer-zéminning telipini anglaydu;
يەر-زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ! | 22 |
Yer-zémin ziraetlerning, yéngi sharab we zeytun méyining telipini anglaydu; we bular «Yizreel»ning telipini anglaydu!
ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو-رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو-ئاممى»غا: «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى: «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ. | 23 |
We Men Özüm üchün uni zéminda tériymen; Men «Lo-ruhamah»gha rehim qilimen; Men «Lo-ammi»gha: «Méning xelqim!» deymen; we ular Méni: «Méning Xudayim!» — deydu.