< ھوشىيا 14 >
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن. | 1 |
I Israil, Pǝrwǝrdigar Hudayingning yeniƣa ikkilǝnmǝy ⱪaytip kǝl! Qünki ɵz ⱪǝbiⱨliking bilǝn putlixip yiⱪilƣansǝn.
ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا [قۇربانلىقلار]»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار. | 2 |
Ɵzünglar bilǝn billǝ sɵzlǝrni epkelinglar, Pǝrwǝrdigarning yeniƣa ⱪaytinglar; Uningƣa: — «Barliⱪ ⱪǝbiⱨlikni kǝqürgǝysǝn, Xapaǝt bilǝn bizni ⱪobul ⱪilƣaysǝn, Xuning bilǝn biz Sanga lǝwlirimizdiki «buⱪa [ⱪurbanliⱪlar]»ni tutimiz — dǝnglar.
ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ». | 3 |
— «Asuriyǝ bizni ⱪutⱪuzmaydu, Atlarƣa minmǝymiz; Biz ⱨǝrgiz ɵz ⱪolimiz yasiƣiniƣa: — «Hudayimiz!» demǝymiz; Qünki Sǝndinla yetim-yesirlar rǝⱨim-xǝpⱪǝt tapidu».
ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى. | 4 |
— Mǝn ularni «arⱪiƣa qekinixliri»din saⱪaytimǝn, Mǝn ularni qin kɵnglümdin halap sɵyimǝn; Qünki Mening ƣǝzipim uningdin yandi.
مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، يىلتىزلىرى لىۋان [كېدىر] دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛ | 5 |
Mǝn Israilƣa xǝbnǝmdǝk bolimǝn; U nilupǝrdǝk bǝrⱪ uridu, Yiltizliri Liwan [kedir] dǝrihidǝk yiltiz tartidu;
ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان [كېدىرىنىڭكىدەك] بولىدۇ. | 6 |
Uning bihliri xahlap yeyilidu, Uning güzǝlliki zǝytun dǝrihidǝk, Puriⱪi Liwan [kediriningkidǝk] bolidu.
خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ لىۋاننىڭ شارابلىرى [ئاغزىدا قالغاندەك]، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ. | 7 |
Hǝlⱪ ⱪaytip kelip, uning sayisi astida olturidu; Ular ziraǝtlǝrdǝk yaxnaydu, Üzüm telidǝk qeqǝklǝydu; Liwanning xarabliri [aƣzida ⱪalƣandǝk], esidǝ xerin ⱪalidu.
ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!» | 8 |
Əfraim: «Mening butlar bilǝn yǝnǝ nemǝ karim!» — dǝydiƣan bolidu. «Mǝn uningƣa jawab berimǝn, uningdin hǝwǝr alimǝn! «Mǝn yapyexil bir ⱪariƣaydurmǝn». «Sening mewǝng Mǝndindur!»
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. | 9 |
Kim dana bolup, bu ixlarni qüxinǝr? Qeqǝn bolup, bularni bilǝr? Qünki Pǝrwǝrdigarning yolliri durustur, Ⱨǝⱪⱪaniylar ularda mangidu; Biraⱪ itaǝtsizlǝr ularda putlixip yiⱪilidu.