< ھوشىيا 13 >
[بۇرۇن] ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛ ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛ بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى. | 1 |
Tsã la, ne Efraim ɖe gbe la, dukɔwo ʋuʋuna nyanyanya, elabena wodoe ɖe dzi le Israel, gake edze Baal subɔsubɔ ƒe nu vɔ̃ me eye wòku.
ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا! ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى، ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛ بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ. | 2 |
“Ke azɔ la, woƒe aglãdzedze la va de ŋgɔ. Wotsɔ woƒe klosalo na aɖaŋuwɔlawo, ame siwo lolõ wo tsɔ wɔ legbawo le woawo ŋutɔ ƒe nunya nu. Wogblɔ tso dukɔ sia ŋu be wotsɔa amegbetɔ saa vɔe, eye wogbugbɔa nu na nyivilegbawo.
شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك، تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك [تېزدىن] يوقاپ كېتىدۇ. | 3 |
Wo katã woabu vĩi abe afu ene, eye woaƒu enumake abe ahũ ene; woakaka abe ale si ya kakana atsakiti ene, eye woabu abe dzudzɔ ene.
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛ سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر. | 4 |
“Nye ɖeka koe nye Yehowa, miaƒe Mawu, eye alea ko mele tso esime ke mekplɔ mi do goe tso Egipte. Mawu bubu aɖeke mele mia si o, negbe nye ko, elabena ɖela aɖeke meli kpe ɖe ŋutinye o.
مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛ | 5 |
Mekpɔ mia ta le gbedzi, le kuɖiɖinyigba ma dzi.
ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان، تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان. | 6 |
Ke esi mieɖu nu ɖi ƒo vɔ la, dada yɔ mia me, mieŋlɔm be,
ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛ يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛ | 7 |
eya ta mava dze mia dzi abe dzata ene, made xa ɖe mɔ to na mi abe lãklẽ ene.
كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ، يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛ ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛ دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ. | 8 |
Madze wo dzi abe sisiblisinɔ si ƒe viwo wofi dzoe ene, mavuvu wo akɔ ɖi abe dzatanɔ ene. Lã wɔadã aɖe avuvu wo viwo akɔ ɖi.
سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ، يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر. | 9 |
“O Israel, ètsrɔ̃ ɖokuiwò, elabena ètso ɖe nye, wò xɔnametɔ ŋu.
ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟ سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟ سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ | 10 |
Afi ka miaƒe fia la le? Nu ka wɔ miayɔe ne wòaxɔ na mi o? Afi ka miaƒe dumegãwo katã le? Ame siwo ŋuti miegblɔ le be, ‘Na fia kple dumegãwo mí’ la le? Eya ta miyɔ wo woava xɔ na mi!
مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم. | 11 |
Le nye dziku me, meɖo fia na mi, eye megaxɔe le mia si le nye dɔmedzoe me.
ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛ | 12 |
Woƒo Efraim ƒe vodadawo nu ƒu, eye wodzra eƒe nu vɔ̃wo ɖo ɖe agbalẽ me.
تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛ ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛ چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان! | 13 |
Efraim se veve abe nyɔnu si le ku lém la ene, gake ele abe vi manyanu ene, elabena ne eƒe ɣeyiɣi de la, medoa ta ɖe vidzidɔ nu o.
مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن! (Sheol ) | 14 |
“Maɖe wo tso tsiẽƒe ƒe ŋusẽ me, eye maxɔ wo le ku ƒe asi me. O ku, afi ka wò ŋɔdzi la le? O tsiẽƒe, afi ka wò gbegblẽ la le? Elabena nyemakpɔ nublanui o. (Sheol )
[ئەفرائىم] قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ [ئەفرائىمنىڭ] بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ ئۇ [شامال] خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ. | 15 |
“Togbɔ be eyae de ŋgɔ wu le nɔviawo dome hã la, ɣedzeƒeya tso Yehowa gbɔ aƒo tso gbegbe ava. Eƒe tsiwo amie, eye vudowo me aƒu kplakplakpla. Woaha eƒe nudzraɖoƒewo, eye woalɔ eƒe kesinɔnuwo adzoe.
سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ. | 16 |
Samaria azu aƒedo, elabena edze aglã ɖe Mawu ŋu. Woatsi yi nu, woalé vidzĩwo axlã ɖe anyi woaku, eye woako woƒe funɔwo kple yi agbagbee.”