< ھوشىيا 12 >

ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى. ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛ ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ. 1
Əfraimning yegini xamaldur, U xǝrⱪ xamilini ⱪoƣlap yüridu; U künlǝp yalƣanqiliⱪ, zulum-zorluⱪni kɵpǝytmǝktǝ; Ular Asuriyǝ bilǝn ǝⱨdǝ tüzidu, Xuningdǝk Misirƣa may «soƣiliri» kɵtürüp apirilidu.
پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛ ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ. 2
Pǝrwǝrdigarning Yǝⱨuda bilǝnmu bir dǝwasi bar; U Yaⱪupni yolliri boyiqǝ jazalaydu; Uning ⱪilmixlirini ɵz üstigǝ ⱪayturidu.
ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان، ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛ 3
U baliyatⱪuda turup akisini tapinidin tutuwalƣan, Ɵz küqi bilǝn Huda bilǝn elixⱪan;
ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ [خۇدا] ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛ 4
U bǝrⱨǝⱪ Pǝrixtǝ bilǝn elixip, ƣǝlibǝ ⱪildi; U yiƣlidi, Uningƣa dua-tilawǝt ⱪildi; [Huda] uni Bǝyt-Əldǝ tepiwaldi, Wǝ xu yǝrdǝ bizgǝ sɵz ⱪildi;
ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر! 5
— Yǝni Pǝrwǝrdigar, samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Huda, — «Pǝrwǝrdigar» bolsa Uning hatirǝ namidur!
شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛ مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە، خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن. 6
Xunga sǝn, Hudaying arⱪiliⱪ, Uning yeniƣa ⱪayt; Meⱨribanliⱪ wǝ adalǝtni ⱪolungdin bǝrmǝ, Hudayingƣa ümid baƣlap, Uni izqil kütkin.
مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر. 7
Mana bu sodigǝr! Uning ⱪolida aldamqiliⱪ tarazisi bar; U bozǝk ⱪilixⱪa amraⱪtur.
ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم، ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛ بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ. 8
Əfraim: «Mǝn dǝrwǝⱪǝ beyidim, Ɵzümgǝ kɵp bayliⱪlarni toplidim; Biraⱪ ular barliⱪ ǝjirlirimdǝ mǝndin ⱨeq gunaⱨiy ⱪǝbiⱨlikni tapalmaydu!» — dǝydu.
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «[كەپىلەر] ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن! 9
Biraⱪ Misir zeminidin tartip Mǝn Pǝrwǝrdigar sening Hudaying bolƣanmǝn, Mǝn seni yǝnǝ «[kǝpilǝr] ⱨeyti»dikidǝk qedirlarda turƣuzimǝn!
«مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن، ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن. 10
«Mǝn pǝyƣǝmbǝrlǝrgǝ sɵz ⱪilƣanmǝn, Alamǝt kɵrünüxlǝrni kɵpǝytkǝnmǝn, Xundaⱪla pǝyƣǝmbǝrlǝr arⱪiliⱪ tǝmsillǝrni kɵrsǝtkǝnmǝn.
گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر! ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر! 11
Gilead ⱪǝbiⱨmu? Ular bǝrⱨǝⱪ pǝⱪǝt yarimaslardur! Ular Gilgalda torpaⱪlarni ⱪurbanliⱪ ⱪilidu; Ularning ⱪurbangaⱨliri dǝrwǝⱪǝ etiz ⱪirliridiki tax dɵwiliridǝk kɵptur!
(ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى، شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛ بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى). 12
(Yaⱪup Suriyǝgǝ ⱪeqip kǝtti, Xu yǝrdǝ Israil hotun elix üqün ixligǝn; Bǝrⱨǝⱪ, hotun elix üqün u ⱪoylarni baⱪⱪanidi).
پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان. 13
Pǝrwǝrdigar yǝnǝ pǝyƣǝmbǝr arⱪiliⱪ Israilni Misirdin qiⱪirip ⱪutⱪuzƣan, Pǝyƣǝmbǝr arⱪiliⱪ uningdin hǝwǝrmu alƣan.
ئەفرائىم [خۇدانىڭ] قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛ ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ، شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. 14
Əfraim [Hudaning] ⱪǝⱨrini intayin ⱪattiⱪ ⱪozƣiƣan; Uning Rǝbbi u tɵkkǝn ⱪan ⱪǝrzni uning gǝdinigǝ artidu, Xǝrmǝndilik-aⱨanǝtini ɵz bexiƣa ⱪayturidu.

< ھوشىيا 12 >