< ھوشىيا 12 >
ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى. ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛ ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ. | 1 |
厄弗辣因愛好颶風,整日追逐東風,說許多謊話,行許多暴行,既與亞述結盟,又給埃及送油。
پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛ ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ. | 2 |
上主要與以色列爭辯,要按他們的行徑懲罰雅各伯,依照他的行為報復他:
ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان، ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛ | 3 |
他在母胎中就欺騙了他的弟兄,及至壯年又曾與天神搏鬥;
ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ [خۇدا] ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛ | 4 |
他與天神博鬥,並且獲得了勝利;他哭了,曾懇求他開恩;在貝特耳再遇見了他,在那裏天主對他說:──
ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر! | 5 |
上主,萬軍的天主,雅威是他的名號x──
شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛ مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە، خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن. | 6 |
「至於你,你應當歸向你的天主,遵守仁愛和正義,時刻仰望你的天主。」
مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر. | 7 |
厄弗辣因有如客納罕人,手裏拿著欺詐的天秤,喜行欺騙。
ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم، ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛ بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ. | 8 |
厄弗辣因說:「我現在實在成了富翁,發了大財。」然而他所獲得的一切,為補贖他所犯的罪孽,仍嫌不夠。
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «[كەپىلەر] ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن! | 9 |
自從在埃及地時,我就是上主,你的天主:我必再使你住在帳幕中,如在盛會的節日一樣。
«مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن، ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن. | 10 |
是我向先知們說了話,是我增多了異象,我也必藉先知們消滅他們。
گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر! ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر! | 11 |
在基肋阿得只有罪惡,的確,他們只是虛無;在基耳加耳 他們向牛犢獻了祭,因此他們的祭壇必將成為田畦中的石堆。
(ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى، شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛ بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى). | 12 |
雅各伯曾逃到阿蘭平原,以色列曾為娶妻而服役,曾為娶妻而放羊。
پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان. | 13 |
上主曾藉一位先知領以色列出離埃及,也藉一位先知保護了他們。
ئەفرائىم [خۇدانىڭ] قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛ ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ، شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. | 14 |
但厄弗辣因大大激怒了上主,他的血債必要歸到他身上,他的主必要在他身上報復自己受的凌辱。