< ھوشىيا 11 >

ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم. 1
Israil bala qeƣida, Mǝn uni sɵydüm, Xuning bilǝn oƣlumni Misirdin qiⱪixⱪa qaⱪirdim.
بىراق ئۇلار [خەلقىمنى] چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى. 2
Biraⱪ ular [hǝlⱪimni] qaⱪiriwidi, Ular dǝrⱨal ⱨuzurumdin qiⱪip kǝtti; Ular «Baal»larƣa ⱪurbanliⱪ ⱪilixⱪa baxlidi, Oyma mǝbudlarƣa isriⱪ saldi.
ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى. 3
Əfraimƣa mengixni ɵgǝtküqi Ɵzüm idim, Uning ⱪolini tutup wǝ yɵlǝp — Biraⱪ ɵzini saⱪaytⱪuqining Mǝn ikǝnlikimni ular bilmidi.
مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن. 4
Mǝn adimǝtqilikning kɵyünüx rixtiliri bilǝn, Sɵygüning tarliri bilǝn ularning kɵnglini tartiwaldim; Mǝn ularƣa huddi engikidin boyunturuⱪni eliwǝtküqi birsidǝk bolƣanmǝn, Egilip Ɵzüm ularni ozuⱪlandurƣanmǝn.
ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى! 5
Ular Misirƣa ⱪaytidiƣan bolmamdu? Asuriyǝlik dǝrwǝⱪǝ ularning padixaⱨi bolidiƣan ǝmǝsmu? — Qünki ular yenimƣa ⱪaytixni rǝt ⱪildi!
قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ [دەرۋازىسىدىكى] تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر! 6
Ⱪiliq uning xǝⱨǝrliridǝ ⱨǝryan oynitilidu; [Dǝrwazisidiki] tɵmür baldaⱪlarni wǝyran ⱪilip yǝp ketidu; Bu ɵz ǝⱪillirining kasapitidur!
بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ. 7
Bǝrⱨǝⱪ, Mening hǝlⱪim Mǝndin qǝtlǝp ketixkǝ mǝptun boldi; Ular Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqiƣa nida ⱪilip qaⱪirsimu, Lekin ⱨeqkim ularni kɵtürmǝydu.
مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ مەن قانداقمۇ سېنى [دۈشمەنگە] تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! قەلبىم ئىچ-باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ! 8
Mǝn ⱪandaⱪmu seni taxlap ⱪoyimǝn, i Əfraim? Mǝn ⱪandaⱪmu seni [düxmǝngǝ] tapxurimǝn, i Israil?! Ⱪandaⱪmu seni Admaⱨ xǝⱨiridǝk ⱪilimǝn?! Seni ⱪandaⱪmu Zǝboim xǝⱨiridǝk bir tǝrǝp ⱪilimǝn?! Ⱪǝlbim iq-baƣrimda ⱪaynap ketiwatidu, Mening barliⱪ rǝⱨimdilliⱪim ⱪozƣiliwatidu!
غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك-مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. 9
Ƣǝzipimning ⱪǝⱨrini yürgüzmǝymǝn, Ikkinqi yǝnǝ Əfraimni yoⱪatmaymǝn; Qünki Mǝn insan ǝmǝs, Tǝngridurmǝn, — Yǝni arangda bolƣan pak-muⱪǝddǝs Bolƣuqidurmǝn; Mǝn dǝrƣǝzǝp bilǝn kǝlmǝymǝn.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛ 10
Ular Pǝrwǝrdigarning kǝynidin mangidu; U xirdǝk ⱨɵrkirǝydu; U ⱨɵrkirigǝndǝ, ǝmdi baliliri ƣǝrbtin titrigǝn ⱨalda kelidu;
ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
Ular Misirdin ⱪuxtǝk, Asuriyǝ zeminidin pahtǝktǝk titrigǝn ⱨalda qiⱪip kelidu; Xuning bilǝn ularni ɵz ɵylirigǝ makanlaxturimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar.
12
Əfraim Meni yalƣan gǝpliri bilǝn kɵmüwetidu; Yǝⱨudamu Tǝngrigǝ, yǝni ixǝnqlik, Pak-Muⱪǝddǝs Bolƣuqiƣa tuturuⱪsiz boldi.

< ھوشىيا 11 >