< ھوشىيا 11 >
ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم. | 1 |
Cuando Israel era muchacho, yo le amé, y de Egipto llamé a mi hijo.
بىراق ئۇلار [خەلقىمنى] چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى. | 2 |
Clamaban a ellos, así ellos se iban de su presencia: a los Baales sacrificaban, y a las esculturas ofrecían sahumerios.
ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى. | 3 |
Yo con todo eso guiaba en pies al mismo Efraím: levantóles en sus brazos, y no conocieron que yo los procuraba.
مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن. | 4 |
Con cuerdas humanas los traje, con cuerdas de amor; y fui para ellos como los que alzan el yugo sobre sus mejillas, y llegué hacia él la comida.
ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى! | 5 |
No tornará a tierra de Egipto, mas el mismo Asur será su rey, porque no se quisieron convertir.
قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ [دەرۋازىسىدىكى] تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر! | 6 |
Y caerá espada sobre sus ciudades, y consumirá sus aldeas: consumirlas ha a causa de sus consejos.
بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ. | 7 |
Mas mi pueblo está colgado de la rebelión contra mí; y aunque le llaman al Altísimo, de ninguno de todos es ensalzado.
مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ مەن قانداقمۇ سېنى [دۈشمەنگە] تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! قەلبىم ئىچ-باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ! | 8 |
¿Cómo te dejaré, Efraím? ¿cómo te entregaré, Israel? ¿cómo te pondré como Adama, y te tornaré como Seboim? Mi corazón se revuelve dentro de mí, todos mis arrepentimientos son encendidos.
غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك-مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. | 9 |
No ejecutaré la ira de mi furor: no me volveré para destruir a Efraím; porque Dios soy, y no hombre: Santo en medio de ti, y no entraré en ciudad.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛ | 10 |
En pos de Jehová caminarán: él bramará como león, él cierto bramará, y los hijos del occidente temblarán.
ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 11 |
Temblarán como ave los de Egipto, y como paloma los de la tierra de Asiria; y ponerlos he en sus casas, dijo Jehová.
Cercóme con mentira Efraím, y con engaño la casa de Israel. Judá aun domina con Dios, y con los santos es fiel.