< ئىبرانىيلارغا 1 >
خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، | 1 |
Multifariam, multisque modis olim Deus loquens patribus in Prophetis:
مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. (aiōn ) | 2 |
novissime, diebus istis locutus est nobis in Filio, quem constituit heredem universorum, per quem fecit et saecula: (aiōn )
ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. | 3 |
qui cum sit splendor gloriae, et figura substantiae eius, portansque omnia verbo virtutis suae, purgationem peccatorum faciens, sedet ad dexteram maiestatis in excelsis:
شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى. | 4 |
tanto melior Angelis effectus, quanto differentius prae illis nomen hereditavit.
چۈنكى خۇدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟ | 5 |
Cui enim dixit aliquando Angelorum: Filius meus es tu, ego hodie genui te? Et rursum: Ego ero illi in patrem, et ipse erit mihi in filium?
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. | 6 |
Et cum iterum introducit primogenitum in orbem terrae, dicit: Et adorent eum omnes Angeli Dei.
ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛ | 7 |
Et ad Angelos quidem dicit: Qui facit Angelos suos spiritus, et ministros suos flammam ignis.
لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. (aiōn ) | 8 |
Ad filium autem: Thronus tuus Deus in saeculum saeculi: virga aequitatis, virga regni tui. (aiōn )
سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى». | 9 |
Dilexisti iustitiam, et odisti iniquitatem: propterea unxit te Deus, Deus tuus oleo exultationis prae participibus tuis.
خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ | 10 |
Et: Tu in principio Domine terram fundasti: et opera manuum tuarum sunt caeli.
ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ | 11 |
Ipsi peribunt, tu autem permanebis, et omnes ut vestimentum veterascent:
سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر». | 12 |
et velut amictum mutabis eos, et mutabuntur: tu autem idem ipse es, et anni tui non deficient.
يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ دېگەنىدى؟ | 13 |
Ad quem autem Angelorum dixit aliquando: Sede a dextris meis, quoadusque ponam inimicos tuos scabellum pedum tuorum?
شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا [خۇدا تەرىپىدىن] ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟ | 14 |
Nonne omnes sunt administratorii spiritus, in ministerium missi propter eos, qui hereditatem capiunt salutis?