< ئىبرانىيلارغا 8 >

ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار. 1
Голова ж сказаного - Такого маємо Архиєрея, що сїв по правиції престола величчя на небесах,
ئۇ مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر. 2
служителя святинї і скинї істинної, котру поставив Господь, а не чоловік.
ھەربىر باش كاھىن ھەدىيە ھەم قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، [بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ] بىرەر سۇنىدىغىنى بولۇش كېرەك ئىدى. 3
Всякий бо архиєрей поставляєть ся, щоб приносити дари і жертви; тим треба й Сьому що мати, щоб принести.
دەرۋەقە ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز كاھىن بولمايتتى؛ چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇن-تۈزۈمى بويىچە ھەدىيە سۇنىدىغان كاھىنلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر 4
Бо коли б Він був на землї, не був би священиком, (де) в священики, що приносять по закону дари,
(بۇ [كاھىنلار] خىزمەت قىلىدىغان [ئىبادەت چېدىرى] پەقەتلا ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. مۇسا دەل بۇ ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئېھتىيات قىلغىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان). 5
котрі служать образу і тїнї небесного, яко ж глаголано Мойсейові, як хотїв зробити скиню. "Гледи бо", рече, "зроби все по взору, показаному тобі на горі."
لېكىن ھازىر ئۇ ([كونا ئەھدىگە ئائىت] ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ. 6
Тепер же (Христос) лучче знарядив служеннє, на скілько Від посередник луччого завіту, котрий на луччих обітницях узаконив ся.
ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. 7
Бо коли б первий той був без пороку, не шукалось би місця другому.
لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، [ئىسرائىللارغا] مۇنداق دېگەن: ــ «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 8
Докоряючи бо їх глаголе: "Ось ідуть днї, глаголе Господь, і зроблю з домом Ізраїлевим і з домом Юдовим завіт новий,
بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمدە تۇرمىدى، مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 9
не по завіту, що вробив я з отцями вашими, того дня, як узяв я їх за руку, щоб вивести їх із землі Єгипецької: бо вони не пробували в завітї моїм, і я занедбав їх, глаголе Господь.
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 10
Тим се завіт, котрий: зроблю дому Ізраїлевому по тих днях, глаголе Господь: Давши закони мої в думку їх, і на серцях їх напишу їх, і буду їм Бог, а вони будуть мені народ.
شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يۇرتدىشىغا، ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە مېنى بىلىپ بولغان بولىدۇ؛ 11
І не вчити ме кожен ближнього свого, і кожен брата свого, говорячи: Познай Господа; бо всї знати муть мене від малого та й до великого між ними.
چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن». 12
Тим що милостив буду на неправди їх, і гріхів їх і беззаконий їх не згадувати му більше."
ئەمدى خۇدانىڭ بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىشى بۇرۇنقىسىنى «كونا» دېگەنلىكىدۇر؛ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان ئىش بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ. 13
А що глаголе: "новий", то обветшив первого; що ж обветшало і зстарілось, те близьке зотлїння.

< ئىبرانىيلارغا 8 >