< ئىبرانىيلارغا 7 >
چۈنكى بۇ مەلكىزەدەك سالېم شەھىرىنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ كاھىنى بولۇپ، ئىبراھىم پادىشاھلارنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى. | 1 |
Melchizedek asi Salem-gi ningthouni aduga Wangthoiraba Tengban Mapugi purohit amani. Abraham-na ningthou maribu landa maithiba piraga hallakpada Melchizedek-na mahakpu unaraga yaipha thoujal pirammi,
ئىبراھىم بولسا ئېرىشكەن بارلىق [ئولجىسىنىڭ] ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. [مەلكىزەدەك دېگەن ئىسىمنىڭ] بىرىنچى مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «سالېمنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ | 2 |
adudagi Abraham-na landagi lourakpa pot pumnamak adudagi saruk tara thokpagi ama mahakna mangonda pirammi. (Melchizedek haiba ming asigi wahanthokti ahanbada “Achumba chatpagi Ningthou” haibani aduga mahakna Salem-gi ningthou oibagi maramna mahakki minggi wahanthok amadi “Ingthabagi Ningthou” haibani.)
ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ. | 3 |
Mahakki mama mapa pari puri amadi mahak pokpa amasung sibagi maramda a-iba amata leite. Mahak Tengban Mapugi Machanupagumna matam pumnamakki oina purohit oina lei.
ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. | 4 |
Mahak kayada chaokhraba haibadu nakhoina ure. Saknairaba eikhoigi ipa ipu oiriba Abraham-na landagi phanglakpa pot pumnamak adugi saruk tara thokpagi ama mangonda pikhi.
دەرۋەقە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىنلىقنى زىممىسىگە ئالغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىغا قارىماي تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى ئەمر قىلىنغان. | 5 |
Purohitki pham phanglaba Levi-gi charol surolsingna makhoi masagi mi oiriba aduga Abraham-gi charol surolsu oiriba Israel-gi misingdagi saruk taragi ama lounaba Wayel Yathangna yathang pire.
لېكىن بۇلارنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقىدىن بولمىغان مەلكىزەدەك بولسا ئىبراھىمدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى قوبۇل قىلغان ئاندىن خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىگە بولغۇچى ئىبراھىمغا بەخت تىلىگەن. | 6 |
Adubu Melchizedek-ti Levi-gi charol surol natte aduga mahakna Abraham-dagi saruk taragi ama loure amadi mahakna Tengban Mapugi wasakpibasing phanglaba mi adubu yaipha thoujal pibire.
شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر. | 7 |
Yaipha thoujal pibiriba aduna yaipha thoujal phangliba adudagi henna chao-i haibasi chingnaningngai leite.
بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر. | 8 |
Siba naiba purohitsing aduna saruk taragi ama lou-i adubu Mapugi puyana haibagi matung inna hingduna leiba Melchizedek-na saruk taragi ama lou-i.
ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ [ئەجدادى] ئىبراھىم ئارقىلىق [مەلكىزەدەككە] ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن. | 9 |
Asumna haiba yai, Abraham-na saruk taragi ama pibada Levi-nasu (mahakki charol surolna saruk taragi ama louriba) pikhi.
چۈنكى مەلكىزەدەك ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا، لاۋىينى [كەلگۈسىدىكى پۇشتى بولۇش سۈپىتىدە] يەنىلا ئىبراھىمنىڭ تېنىدە ئىدى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. | 10 |
Maramdi Melchizedek-na Abraham-bu unaba matamda Levi-di poktri, asumna haiba yai Levi-di mahakki mapa mapu oiriba Abraham-gi hakchangda yaorammi.
ئەمدى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ئارقىلىق مۇكەممەل ھەققانىيلىق كېلەلەيدىغان بولسا (چۈنكى شۇ تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەۋرات قانۇنى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەنىدى)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھارۇننىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە باشقا بىر كاھىننىڭ چىقىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بولاتتى؟ | 11 |
Levi-singgi purohitki phamda yumpham oiraga Wayel Yathang adu Israel-gi misingda pibani. Adubu Levi-singgi thabak adugi mapanna mapung phahanba ngamlamlabadi, Aaron-dagi nattaba Melchizedek-ki mawongda oiba atoppa makhalgi purohit amamuk thorakpagi kanaba leiramloidabani.
ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا [مۇناسىۋەتلىك] قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. | 12 |
Maramdi purohitki mawong hongdokpa matamda, wayel yathangsu hongba tabani.
چۈنكى بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر قارىتىلغان زات بولسا باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانگاھتا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. | 13 |
Atoppa salaigi mi oiba eikhoigi Mapu Ibungogi maramda hiramsing asi haibani, mahakki salai asidagi purohit oina amukta thougal toukhidri.
چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى. | 14 |
Ibungo mahakti Judah-gi salai-da pokpani haibasi ningthina khangnarabani; Moses-na purohitsinggi maramda haiba matamda salai asi pankhide.
ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ؛ | 15 |
Hiram asi henna mayek sengle; Melchizedek-ka mannaba atoppa purohit ama thorakle.
ئۇنىڭ [كاھىنلىققا] تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر. | 16 |
Mahak asi mioibagi chatna pathapna purohit oihanba natte adubu aroiba leitaba hingba amagi panggalna oihanbani.
چۈنكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. (aiōn ) | 17 |
Maramdi Mapugi puyana hai, “Nahakti Melchizedek-ki matougumna matam pumbagi oina purohit ama oigani.” (aiōn )
چۈنكى ئالدىنقى ئەمر-تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان | 18 |
Maramdi ariba pathap adu sonba amasung kanadaba maramna madu tonganna thamle.
(ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى). ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىندى. | 19 |
Maramdi Moses-ki Wayel Yathangna kari amata mapung phahanba ngamde. Houjikti henna phaba asa ama pibire maduna Tengban Mapugi manakta eikhoina changsille.
Madugi mathakta Tengban Mapugi wasakpiba adu lei. Atoppasingbu purohit oihanba matamda asigumba wasakpa leite.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش [خۇدانىڭ] قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار [خۇدانىڭ] قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى). (aiōn ) | 21 |
Adubu Jisuna purohit oiba matamda wasakpa yao-i masi Tengban Mapuna Ibungoda haikhi, “MAPU IBUNGO-na achetpa wasak ama leple aduga madu amuk handokloi: ‘Nahak matam pumbagi oina purohit oigani.’” (aiōn )
ئەمدى ئەيسا شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بىلەن ئەۋزەل بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى. | 22 |
Masigi khennaba asinasu Jisubu henna phaba walepnabagi sakhi puba adu oihalle.
يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەربىرى] ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. | 23 |
Aduga atoppa khennabasu leiri madudi atei purohit mayam ama leirammi adubu makhoi siba naiba maramna makhoigi thabak makha chatthaba ngamlamde.
لېكىن [ئەيسا] مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. (aiōn ) | 24 |
Adubu Jisudi lomba naidana hingba maramna mahakki purohitki thabak adu atoppa kanagumba amada sinnaba toude. (aiōn )
شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر. | 25 |
Maram aduna mahakki mapanna Tengban Mapugi maphamda changjarakpasingbu mahakna matam pumbada kanbiba ngammi, maramdi makhoigidamakta Tengban Mapugi maphamda haijabinaba mahakna matam pumnamakki oina hingli.
مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان ــ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر. | 26 |
Jisudi eikhoigi changdaba yadaba awatpasingbu pibiba Purohitlenni. Ibungo mahakti asengbani, mangonda aranba nattraga pap amata leite; mahakpu papchenbasingdagi tonganna khaidokle aduga swargagi mathakta thanggatpire.
ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. | 27 |
Ibungo mahakti atoppa purohitlensinggumba natte haibadi numit khudinggi mahak masagi papkidamak hanna iratpot katpa adugi matungda misinggi papkidamak iratpot katpa adugumna Ibungodi mathou tade. Mahakna masabu iratpot oina katthokpa matamda, mahakna matam pumbagi oina amuktada katthokpikhre.
چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. (aiōn ) | 28 |
Moses-ki Wayel Yathangna asonba leiraba misingbu purohitlen oina khalli. Adubu Wayel Yathanggi matungda lakpa Tengban Mapuna wasakpiba amaga yaoba wasakpiba adunadi matam pumbagi oina mapung phahallaba Machanupabu purohitlen oina khanbi. (aiōn )