< ئىبرانىيلارغا 6 >
Pelo que, deixando os rudimentos da doutrina de Cristo, prosigamos até à perfeição, não lançando de novo o fundamento do arrependimento das obras mortas e da fé em Deus,
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، ــ يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. (aiōnios ) | 2 |
Da doutrina dos batismos, e da imposição das mãos, e da ressurreição dos mortos, e do juízo eterno. (aiōnios )
خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز. | 3 |
E isto faremos, se Deus o permitir.
Porque é impossível que os que já uma vez foram iluminados, e provaram o dom celestial, e se fizeram participantes do Espírito Santo,
چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. (aiōn ) | 5 |
E provaram a boa palavra de Deus, e as virtudes do século futuro, (aiōn )
E vieram a recair, sejam outra vez renovados para arrependimento; pois assim, quanto a eles, de novo crucificam o Filho de Deus, e o expõem ao vitupério.
چۈنكى كۆپ قېتىملاپ ئۆز ئۈستىگە ياغقان يامغۇر سۈيىنى ئىچكەن، ئۆزىدە تېرىغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر بولسا خۇدادىن بەرىكەت ئالماقتا. | 7 |
Porque a terra que embebe a chuva que muitas vezes cai sobre ela, e produz erva proveitosa para aqueles por quem é lavrada, recebe a benção de Deus:
بىراق تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇ ئەرزىمەس بولۇپ، لەنەتكە يېقىن بولۇپ، ئاقىۋىتى كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. | 8 |
Mas a que produz espinhos e abrolhos, é reprovada, e perto está da maldição; cujo fim é ser queimada.
لېكىن ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساقمۇ، سىلەردە بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشلار، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىشلىرى بار دەپ قايىل بولدۇق. | 9 |
Porém de vós, ó amados, esperamos coisas melhores, e coisas que acompanham a salvação, ainda que assim falamos.
چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس. | 10 |
Porque Deus não é injusto para se esquecer da vossa obra, e do trabalho da caridade que para com o seu nome mostrastes, enquanto ministrastes aos santos; e ainda ministrais.
ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛ | 11 |
Mas desejamos que cada um de vós mostre o mesmo cuidado até ao fim, para completa certeza da esperança;
شۇنداقلا سۆرەلمىلەردىن بولماي، بەلكى ئېتىقاد ۋە سەۋرچانلىق ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولغايسىلەر. | 12 |
Para que vos não façais negligentes, mas sejais imitadores dos que pela fé e paciência herdam as promessas.
چۈنكى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: | 13 |
Porque, quando Deus fez a promessa a Abraão, como não tinha outro maior por quem jurasse, jurou por si mesmo,
«ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ دېدى. | 14 |
Dizendo: Certamente, abençoando-te, abençoarei, e, multiplicando-te, multiplicarei.
شۇنىڭ بىلەن، [ئىبراھىم] ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى. | 15 |
E assim, esperando com paciência, alcançou a promessa.
چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. | 16 |
Porque os homens certamente juram por alguém superior a eles, e o juramento para confirmação é, para eles, o fim de toda a contenda.
شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى. | 17 |
Pelo que, querendo Deus mostrar mais abundantemente a imutabilidade de seu conselho aos herdeiros da promessa, se interpôs com juramento;
شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن [ھالاكەتتىن] ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە). | 18 |
Para que por duas coisas imutáveis, nas quais é impossível que Deus minta, tenhamos a firme consolação, nós, os que pomos o nosso refúgio em reter a esperança proposta;
بۇ ئۈمىد جېنىمىزغا چىڭ باغلانغان كېمە لەڭگىرىدەك شۈبھىسىز ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكى] پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ. | 19 |
A qual temos como uma âncora da alma segura e firme, e que entra até dentro do véu,
ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى. (aiōn ) | 20 |
Onde Jesus, nosso precursor, entrou por nós, feito eternamente sumo sacerdote, segundo a ordem de Melchisedec. (aiōn )