< ئىبرانىيلارغا 5 >
ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. | 1 |
Nkaambo awumwi mupayizi mupati, wakasalwa kuzwa mubantu, usalilwa kwiiminina bantu muzintu zya Leza, kuchitila kuti apede zipo azipayizyo zyazibi.
ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. | 2 |
Ulakonzya kubeleka kabotu abatazi abaabo bapapide nkaambo we alakwe ulaabo butela.
شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. | 3 |
Nkaambo kazeezi we alakwe kwelede kuti ape zipayizyo zyazibi zyakwe, mbuli mbachita kuzibi zyabantu.
ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. | 4 |
Alimwi tachili chakwe pe kuti umwi abweze bulemu bwakwe. Uliitwa a Leza, mbuli Aaloni mbakabede.
خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى [ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا] ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن. | 5 |
Munzila njiyeeyo, alakwe Kkilisito taakwe naakalisumpula mukulichita mupayizi, Pesi, ooyo wakalikwaambuula aawe wakalikuti, “Ulimwana wangu; sunu ndaba Wuso.”
ئۇ [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن. (aiōn ) | 6 |
Kulimbuli mbukwaambidwe kulibumwi busena kutgi, “Uli mupayizi walyoonse mbuli Melukkizedeki.” (aiōn )
[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. | 7 |
Muchiindi chakwe chakuba munyama, Kkilisito wakapeda nkambyo azikumbizyo ajwi pati lyakulila misozi kuli Leza, ooyo walikukonzya kumufutula kuzwa kulufu. Wakamvigwa nkaambo kakulila kwakwe.
گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. | 8 |
Nikuba kuti wakali mwana, wakayiya kuteelela kuzintou nzyakapenzegwa kulinzizyo.
ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، (aiōnios ) | 9 |
Wakachitwa mululami mpawo, kubantu boonse bamulemeka, wakabapa lufutuko lutaman. (aiōnios )
خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى. | 10 |
Wakasalwa a Leza mbuli mupayizi mupati mbuli Melukkizedeki.
بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. | 11 |
Tuli aazyiikngi zyakwaambula aatala aJesu, pesi kwayuma kupandulula nkaambo mwayuma kumizeezo yenu akukumvwa.
چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. | 12 |
Nikuba muli eehi chiindi mwelede kuba bayiisyi, mucheelede kuba aamuntu umuyiisya ziiyandikana zya Leza amajwi aakwe. Muyanda malili peepe chakulya chisimide.
چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. | 13 |
Nkaambo awumi unywa malili tanakomena pe mumajwi aabululami nkaambo uchili mwana mutete.
بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر. | 14 |
Pesi chakulya chisimide nchabantu baati. Aba mbaabo banga nkaamo kakukomena kwabo balalwiiyo mukumvwisisisya kwabo akwaanzaania chibi kuzwa kuchibpotu