< ئىبرانىيلارغا 4 >
ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى [بىزگە] قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى. | 1 |
Ուրեմն վախնա՛նք, որպէսզի ձեզմէ ո՛չ մէկը զրկուած թուի անոր հանգստավայրը մտնելու խոստումէն, որ մնացած է մեզի:
چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى [چۆلدىكى ئىسرائىللارغا] ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. | 2 |
Որովհետեւ մեզի՛ ալ աւետուած էր՝ ինչպէս անոնց. բայց անոնց օգտակար չեղաւ այդ խօսքը լսելը, քանի որ հաւատքի միացած չէր լսողներուն մէջ:
چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ــ ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ ــ دېگەن». خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛ | 3 |
Իսկ մենք՝ որ հաւատացինք, պիտի մտնենք հանգիստը, ինչպէս ըսաւ. «Հետեւաբար երդում ըրի իմ բարկութեանս մէջ. “Անոնք պիտի չմտնեն իմ հանգստավայրս”», թէպէտ իր գործերը աշխարհի հիմնադրութենէն ի վեր եղած էին:
چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى». | 4 |
Որովհետեւ Գիրքը սա՛ կ՚ըսէ տեղ մը՝ եօթներորդ օրուան համար. «Եւ Աստուած եօթներորդ օրը հանգստացաւ իր բոլոր գործերէն»:
يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى. | 5 |
Ու հոս դարձեալ կ՚ըսէ. «Անոնք պիտի չմտնեն իմ հանգստավայրս»:
بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى. | 6 |
Ուրեմն, քանի որ ոմանց կը մնայ հոն մտնել, իսկ անոնք որ նախապէս ստացած էին աւետիսը՝ անհնազանդութեան պատճառով չմտան,
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ [ئاراملىق توغرىسىدا] ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: ــ «بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!» | 7 |
դարձեալ օր մը կը սահմանէ՝ ա՛յնքան ժամանակէ ետք, եւ Դաւիթի բերանով կ՚ըսէ՝ «այսօր», ինչպէս ըսուեցաւ. «Այսօր, եթէ պիտի լսէք անոր ձայնը, մի՛ խստացնէք ձեր սիրտերը»:
ئەگەر يەشۇئا [پەيغەمبەر] [ئىسرائىللارنى] ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر [ئاراملىق] كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى. | 8 |
Որովհետեւ եթէ Յեսու հանգստացուցած ըլլար զանոնք, ա՛լ անկէ ետք պիտի չխօսէր ուրիշ օրուան մասին:
قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە. | 9 |
Ուրեմն դեռ հանգիստի Շաբաթ մը կը մնայ Աստուծոյ ժողովուրդին.
چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. | 10 |
որովհետեւ ա՛ն որ մտաւ անոր հանգստավայրը, ի՛նք ալ հանգստացաւ իր գործերէն, ինչպէս Աստուած՝ իրեններէն:
شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ [ئىسرائىللاردەك] ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى. | 11 |
Ուրեմն ջանա՛նք մտնել այդ հանգստավայրը, որպէսզի ո՛չ մէկը իյնայ՝ նոյն անհնազանդութեան օրինակին պէս:
چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. | 12 |
Որովհետեւ Աստուծոյ խօսքը կենարար է, ազդու, եւ ամէն երկսայրի սուրէ կտրուկ: Ան թափանցելով կը բաժնէ անձն ու հոգին, յօդերը եւ ծուծը. կը քննարկէ սիրտին մտածումներն ու մտադրութիւնները:
ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. | 13 |
Չկայ արարած մը՝ որ աներեւոյթ ըլլայ անոր առջեւ, հապա ամէն բան մերկ ու բաց է անոր աչքերուն առջեւ՝ որուն պիտի տանք մեր հաշիւը:
شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. | 14 |
Ուրեմն, քանի որ ունինք երկինքը անցած մեծ Քահանայապետ մը, Յիսուսը՝ Աստուծոյ Որդին, ամո՛ւր բռնենք մեր դաւանութիւնը:
چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. | 15 |
Արդարեւ մենք չունինք քահանայապետ մը՝ որ անկարող ըլլայ կարեկցիլ մեր տկարութիւններուն, հապա ինք ամէն բանի մէջ փորձուած է մեզի նման, սակայն առանց մեղքի:
شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت [ئايان قىلىنغۇچى] تەختكە يېقىنلىشايلى. | 16 |
Ուրեմն համարձակութեա՛մբ մօտենանք շնորհքի գահին, որպէսզի ողորմութիւն ստանանք եւ շնորհք գտնենք՝ պատեհ ատեն օգնելու մեզի: