< ئىبرانىيلارغا 3 >
شۇنداق ئىكەن، ئەي مۇقەددەس قېرىنداشلار، ئەرشتىن بولغان چاقىرىققا ئورتاق نېسىپ بولغانلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان روسۇل ۋە باش كاھىن، يەنى ئەيساغا كۆڭۈل قويۇپ قاراڭلار. | 1 |
Wherefore, holy brethren, partakers of the heavenly vocation, consider the apostle and high priest of our confession, Jesus:
خۇددى مۇسا [پەيغەمبەر] خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئۇمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغۇچىغا سادىق بولدى. | 2 |
Who is faithful to him that made him, as was also Moses in all his house.
لېكىن ئۆينى بەرپا قىلغۇچى ئۆزى بەرپا قىلغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق شۆھرەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، ئۇمۇ مۇسادىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر. | 3 |
For this man was counted worthy of greater glory than Moses, by so much as he that hath built the house, hath greater honour than the house.
چۈنكى ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر؛ لېكىن پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر. | 4 |
For every house is built by some man: but he that created all things, is God.
مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان. | 5 |
And Moses indeed was faithful in all his house as a servant, for a testimony of those things which were to be said:
لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز. | 6 |
But Christ as the Son in his own house: which house are we, if we hold fast the confidence and glory of hope unto the end.
شۇڭا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، | 7 |
Wherefore, as the Holy Ghost saith: Today if you shall hear his voice,
ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار! | 8 |
Harden not your hearts, as in the provocation; in the day of temptation in the desert,
مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ كەلگەنىدى. | 9 |
Where your fathers tempted me, proved and saw my works,
مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە دائىم ئاداشقانلار، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن. | 10 |
Forty years: for which cause I was offended with this generation, and I said: They always err in heart. And they have not known my ways,
شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم». | 11 |
As I have sworn in my wrath: If they shall enter into my rest.
ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ | 12 |
Take heed, brethren, lest perhaps there be in any of you an evil heart of unbelief, to depart from the living God.
پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار. | 13 |
But exhort one another every day, whilst it is called today, that none of you be hardened through the deceitfulness of sin.
دەسلەپتىكى خاتىرجەملىكىمىزنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساقلا، دەرۋەقە مەسىھ بىلەن شېرىك بولغان بولىمىز. | 14 |
For we are made partakers of Christ: yet so, if we hold the beginning of his substance firm unto the end.
يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئەينى چاغلاردا [ئۇنى] غەزەپلەندۈرگەن كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!» | 15 |
While it is said, Today if you shall hear his voice, harden not your hearts, as in that provocation.
(ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلەر كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن [قۇتۇلۇپ] چىققان ئاشۇ [ئىسرائىللارنىڭ] ھەممىسى ئەمەسمۇ؟ | 16 |
For some who heard did provoke: but not all that came out of Egypt by Moses.
ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟ | 17 |
And with whom was he offended forty years? Was it not with them that sinned, whose carcasses were overthrown in the desert?
شۇنداقلا ئۇ كىملەرگە ئۆز ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيسىلەر دەپ قەسەم قىلدى؟ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ | 18 |
And to whom did he swear, that they should not enter into his rest: but to them that were incredulous?
شۇڭا بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلارنىڭ [ئاراملىققا] كىرمەسلىكى ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىدى). | 19 |
And we see that they could not enter in, because of unbelief.