بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. | 1 |
עלינו להקדיש תשומת־לב רבה לאמת אשר שמענו, כדי שלא נסטה ממנה בשום פנים ואופן! |
چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە، | 2 |
שכן אם דברי התורה שמסרו המלאכים למשה רבנו הוכחו כדברי אמת, וכל מי שלא ציית להם קיבל את העונש שמגיע לו, |
شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ [جازادىن] قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛ | 3 |
כיצד נימלט אנחנו מעונש, אם נתעלם מהישועה הנפלאה הזאת שהוכרזה על־ידי האדון, ושסופרה לנו מפי עדים אשר שמעוה מפיו? |
ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن. | 4 |
אלוהים עצמו העיד עליה והראה לנו שזוהי בשורת אמת, באמצעות אותות, נסים, נפלאות ועל־ידי העובדה שהעניק, כרצונו, מתנות וכישרונות מאת רוח הקודש לכל המאמינים בבשורה. |
بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛ | 5 |
העולם הבא שעליו אנו מדברים לא יהיה בשליטת המלאכים, |
بەلكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسان دېگەن نېمىدى، سەن ئۇنى سېغىنىدىكەنسەن؟ ئادەم بالىسى نېمىدى، سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن؟ | 6 |
שהרי דוד אומר לאלוהים:”מה אנוש כי תזכרנו, ובן־אדם כי תפקדנו? |
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ كىيدۈردۈڭسەن؛ ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ | 7 |
ותחסרהו מעט ממלאכים, וכבוד והדר תעטרהו, |
سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن». ئەمدى «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا قالدۇرۇلمىغان، دېگەنلىكتۇر. بىراق، ھازىرچە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇنىڭغا بويسۇنغانلىقىنى تېخى كۆرمەيۋاتىمىز. | 8 |
כל שתה (הנחת) תחת רגליו“. שימו לב שכתוב כי אלוהים הניח לרגליו הכול; אין דבר שלא הוכנע והונח לרגלי המשיח! עדיין לא ראינו את הכול מונח לרגליו, |
لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى. | 9 |
אך אנו רואים את ישוע – שלזמן מה נהיה נחות מהמלאכים – מעוטר על־ידי אלוהים בהדר ובכבוד, משום שסבל למעננו עד מוות. כן, על־שום חסדו של אלוהים טעם המשיח מוות בעד כל אדם בעולם. |
چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى. | 10 |
האלוהים, שעל־ידו ולכבודו קיים הכול, מצא לנכון להביא סבל על ישוע, כי במעשה זה הושיע אנשים רבים מספור. ובאמצעות הסבל נעשה ישוע, שר ישועתנו, מושלם וראוי לתפקידו. |
چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. | 11 |
אנחנו שקודשנו על־ידי ישוע, כולנו בנים לאותו אב ולכן ישוע אינו מתבייש לקרוא לנו אחים, |
خۇددى ئۇ [خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك)]: «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» دېگەن. | 12 |
כפי שאמר:”אספרה שמך לאחי, בתוך קהל אהללך“. |
ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن. | 13 |
במקום אחר הוא אומר:”קויתי לו“. והוא גם אומר:”הנה אנכי והילדים אשר נתן לי ה׳“. |
پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، | 14 |
מכיוון שאנחנו, הילדים, עשויים בשר ודם, גם המשיח לבש דמות בשר ודם, כדי שעל־ידי מותו יכריע את השטן אשר לו שליטה על המוות. |
ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. | 15 |
בדרך זאת שיחרר המשיח את כל אלה שהיו משועבדים לפחד מן המוות במשך כל ימי חייהם. |
چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛ | 16 |
כולנו יודעים שהמשיח לא בא בדמות מלאך, אלא בצורת אדם מזרע אברהם – כיהודי. |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى. | 17 |
ישוע צריך היה להידמות לאחיו בכל דבר, כדי שיוכל להיות כוהן גדול, רחמן ונאמן, שמכפר על חטאינו בעיני אלוהים. |
چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ. | 18 |
מכיוון שהמשיח עצמו סבל והתענה כשהשטן ניסה לפתותו, הוא יכול לעזור עתה לכל אלה שעומדים בניסיונות ובפיתויים. |