ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت توختىمىسۇن. | 1 |
ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. | 2 |
زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە [زىنداندا] زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار. | 3 |
ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ. | 4 |
مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن». | 5 |
شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» | 6 |
سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ | 7 |
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ! (aiōn g165) | 8 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى [قۇربانلىققا خاس] يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس. | 9 |
بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر. | 10 |
چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى. | 11 |
شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. | 12 |
شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. | 13 |
چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. | 14 |
شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. | 15 |
ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ. | 16 |
يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن. | 17 |
بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق. | 18 |
يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن. | 19 |
ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا (aiōnios g166) | 20 |
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165) | 21 |
سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلىرىم، بۇ نەسىھەت سۆزۈمگە ئېغىر كۆرمەي قۇلاق سالغايسىلەر؛ سىلەرگە مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەرنى يازدىم، خالاس. | 22 |
قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، مەن سىلەرنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇ مەن بىلەن بىللە بارىدۇ. | 23 |
بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەدىن كەلگەنلەر سىلەرگە سالام يوللىدى. | 24 |
مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ | 25 |