< ئىبرانىيلارغا 13 >
ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت توختىمىسۇن. | 1 |
η φιλαδελφια μενετω
ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. | 2 |
της φιλοξενιας μη επιλανθανεσθε δια ταυτης γαρ ελαθον τινες ξενισαντες αγγελους
زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە [زىنداندا] زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار. | 3 |
μιμνησκεσθε των δεσμιων ως συνδεδεμενοι των κακουχουμενων ως και αυτοι οντες εν σωματι
ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ. | 4 |
τιμιος ο γαμος εν πασιν και η κοιτη αμιαντος πορνους δε και μοιχους κρινει ο θεος
مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن». | 5 |
αφιλαργυρος ο τροπος αρκουμενοι τοις παρουσιν αυτος γαρ ειρηκεν ου μη σε ανω ουδ ου μη σε εγκαταλιπω
شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» | 6 |
ωστε θαρρουντας ημας λεγειν κυριος εμοι βοηθος και ου φοβηθησομαι τι ποιησει μοι ανθρωπος
سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ | 7 |
μνημονευετε των ηγουμενων υμων οιτινες ελαλησαν υμιν τον λογον του θεου ων αναθεωρουντες την εκβασιν της αναστροφης μιμεισθε την πιστιν
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ! (aiōn ) | 8 |
ιησους χριστος χθες και σημερον ο αυτος και εις τους αιωνας (aiōn )
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى [قۇربانلىققا خاس] يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس. | 9 |
διδαχαις ποικιλαις και ξεναις μη περιφερεσθε καλον γαρ χαριτι βεβαιουσθαι την καρδιαν ου βρωμασιν εν οις ουκ ωφεληθησαν οι περιπατησαντες
بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر. | 10 |
εχομεν θυσιαστηριον εξ ου φαγειν ουκ εχουσιν εξουσιαν οι τη σκηνη λατρευοντες
چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى. | 11 |
ων γαρ εισφερεται ζωων το αιμα περι αμαρτιας εις τα αγια δια του αρχιερεως τουτων τα σωματα κατακαιεται εξω της παρεμβολης
شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. | 12 |
διο και ιησους ινα αγιαση δια του ιδιου αιματος τον λαον εξω της πυλης επαθεν
شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. | 13 |
τοινυν εξερχωμεθα προς αυτον εξω της παρεμβολης τον ονειδισμον αυτου φεροντες
چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. | 14 |
ου γαρ εχομεν ωδε μενουσαν πολιν αλλα την μελλουσαν επιζητουμεν
شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. | 15 |
δι αυτου ουν αναφερωμεν θυσιαν αινεσεως διαπαντος τω θεω τουτεστιν καρπον χειλεων ομολογουντων τω ονοματι αυτου
ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ. | 16 |
της δε ευποιιας και κοινωνιας μη επιλανθανεσθε τοιαυταις γαρ θυσιαις ευαρεστειται ο θεος
يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن. | 17 |
πειθεσθε τοις ηγουμενοις υμων και υπεικετε αυτοι γαρ αγρυπνουσιν υπερ των ψυχων υμων ως λογον αποδωσοντες ινα μετα χαρας τουτο ποιωσιν και μη στεναζοντες αλυσιτελες γαρ υμιν τουτο
بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق. | 18 |
προσευχεσθε περι ημων πεποιθαμεν γαρ οτι καλην συνειδησιν εχομεν εν πασιν καλως θελοντες αναστρεφεσθαι
يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن. | 19 |
περισσοτερως δε παρακαλω τουτο ποιησαι ινα ταχιον αποκατασταθω υμιν
ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا (aiōnios ) | 20 |
ο δε θεος της ειρηνης ο αναγαγων εκ νεκρων τον ποιμενα των προβατων τον μεγαν εν αιματι διαθηκης αιωνιου τον κυριον ημων ιησουν (aiōnios )
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) | 21 |
καταρτισαι υμας εν παντι εργω αγαθω εις το ποιησαι το θελημα αυτου ποιων εν υμιν το ευαρεστον ενωπιον αυτου δια ιησου χριστου ω η δοξα εις τους αιωνας των αιωνων αμην (aiōn )
سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلىرىم، بۇ نەسىھەت سۆزۈمگە ئېغىر كۆرمەي قۇلاق سالغايسىلەر؛ سىلەرگە مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەرنى يازدىم، خالاس. | 22 |
παρακαλω δε υμας αδελφοι ανεχεσθε του λογου της παρακλησεως και γαρ δια βραχεων επεστειλα υμιν
قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، مەن سىلەرنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇ مەن بىلەن بىللە بارىدۇ. | 23 |
γινωσκετε τον αδελφον τιμοθεον απολελυμενον μεθ ου εαν ταχιον ερχηται οψομαι υμας
بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەدىن كەلگەنلەر سىلەرگە سالام يوللىدى. | 24 |
ασπασασθε παντας τους ηγουμενους υμων και παντας τους αγιους ασπαζονται υμας οι απο της ιταλιας
مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ | 25 |
η χαρις μετα παντων υμων αμην [προς εβραιους εγραφη απο της ιταλιας δια τιμοθεου]