< ئىبرانىيلارغا 11 >
ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر. | 1 |
믿음은 바라는 것들의 실상이요 보지 못하는 것들의 증거니
چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن [خۇدادىن كەلگەن] ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان. | 2 |
선진들이 이로써 증거를 얻었으니라
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. (aiōn ) | 3 |
믿음으로 모든 세계가 하나님의 말씀으로 지어진 줄을 우리가 아나니 보이는 것은 나타난 것으로 말미암아 된 것이 아니니라 (aiōn )
ئېتىقادى بولغاچقا ھابىل قابىلنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىغان؛ ئېتىقادى بولغاچقا خۇدا ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ھەققانىي دەپ گۇۋاھلىق بەردى. گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن ئۇ يەنىلا بىزگە گەپ قىلماقتا. | 4 |
믿음으로 아벨은 가인보다 더 나은 제사를 하나님께 드림으로 의로운 자라 하시는 증거를 얻었으니 하나님이 그 예물에 대하여 증거하심이라 저가 죽었으나 그 믿음으로써 오히려 말하느니라
ئېتىقادى بولغاچقا، ھانوخ ئۆلۈمنى كۆرمەيلا [ئەرشكە] كۆتۈرۈلدى؛ خۇدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ تېپىلمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم دەپ تەرىپلەنگەنىدى. | 5 |
믿음으로 에녹은 죽음을 보지 않고 옮기웠으니 하나님이 저를 옮기심으로 다시 보이지 아니하니라 저는 옮기우기 전에 하나님을 기쁘시게 하는 자라 하는 증거를 받았느니라
ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. | 6 |
믿음이 없이는 기쁘시게 못하나니 하나님께 나아가는 자는 반드시 그가 계신 것과 또한 그가 자기를 찾는 자들에게 상 주시는 이심을 믿어야 할지니라
ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى. | 7 |
믿음으로 노아는 아직 보지 못하는 일에 경고하심을 받아 경외함으로 방주를 예비하여 그 집을 구원하였으니 이로 말미암아 세상을 정죄하고 믿음을 좇는 의의 후사가 되었느니라
ئېتىقادى بولغاچقا، خۇدا ئىبراھىمنى ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە بەرمەكچى بولغان زېمىنغا بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئىتائەت قىلدى؛ ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. | 8 |
믿음으로 아브라함은 부르심을 받았을 때에 순종하여 장래 기업으로 받을 땅에 나갈새 갈 바를 알지 못하고 나갔으며
ئېتىقادى بولغاچقا ئۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىندا، خۇددى ياقا يۇرتتا تۇرغاندەك مۇساپىر بولۇپ چېدىرلارنى ماكان قىلىپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئورتاق مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ياشىدى. | 9 |
믿음으로 저가 외방에 있는 것같이 약속하신 땅에 우거하여 동일한 약속을 유업으로 함께 받은 이삭과 야곱으로 더불어 장막에 거하였으니
ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر. | 10 |
이는 하나님의 경영하시고 지으실 터가 있는 성을 바랐음이니라
ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى. | 11 |
믿음으로 사라 자신도 나이 늙어 단산하였으나 잉태하는 힘을 얻었으니 이는 약속하신 이를 미쁘신 줄 앎이라
بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى. | 12 |
이러므로 죽은 자와 방불한 한 사람으로 말미암아 하늘에 허다한 별과 또 해변의 무수한 모래와 같이 많이 생육하였느니라
بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى. | 13 |
이 사람들은 다 믿음을 따라 죽었으며 약속을 받지 못하였으되 그것들을 멀리서 보고 환영하며 또 땅에서는 외국인과 나그네로라 증거하였으니
بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. | 14 |
이같이 말하는 자들은 본향 찾는 것을 나타냄이라
دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى. | 15 |
저희가 나온 바 본향을 생각하였더면 돌아갈 기회가 있었으려니와
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان. | 16 |
저희가 이제는 더 나은 본향을 사모하니 곧 하늘에 있는 것이라 그러므로 하나님이 저희 하나님이라 일컬음 받으심을 부끄러워 아니하시고 저희를 위하여 한 성을 예비하셨느니라
ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى بولغاچقا ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى؛ گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن «سېنىڭ نامىڭنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەسلىڭ بولسا ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگىنىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى. | 17 |
아브라함은 시험을 받을 때에 믿음으로 이삭을 드렸으니 저는 약속을 받은 자로되 그 독생자를 드렸느니라
저에게 이미 말씀하시기를 네 자손이라 칭할 자는 이삭으로 말미암으리라 하셨으니
چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندەك قايتىدىن تاپشۇرۇۋالدى. | 19 |
저가 하나님이 능히 죽은 자 가운데서 다시 살리실 줄로 생각한 지라 비유컨대 죽은 자 가운데서 도로 받은 것이니라
ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلدى. | 20 |
믿음으로 이삭은 장차 오는 일에 대하여 야곱과 에서에게 축복하였으며
ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. | 21 |
믿음으로 야곱은 죽을 때에 요셉의 각 아들에게 축복하고 그 지팡이 머리에 의지하여 경배하였으며
ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى. | 22 |
믿음으로 요셉은 임종시에 이스라엘 자손들의 떠날 것을 말하고 또 자기 해골을 위하여 명하였으며
ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. | 23 |
믿음으로 모세가 났을 때에 그 부모가 아름다운 아이임을 보고 석 달 동안 숨겨 임금의 명령을 무서워 아니하였으며
ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ، | 24 |
믿음으로 모세는 장성하여 바로의 공주의 아들이라 칭함을 거절하고
گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. | 25 |
도리어 하나님의 백성과 함께 고난받기를 잠시 죄악의 낙을 누리는 것보다 더 좋아하고
ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى [ئەرشتىكى] ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. | 26 |
그리스도를 위하여 받는 능욕을 애굽의 모든 보화보다 더 큰 재물로 여겼으니 이는 상 주심을 바라봄이라
ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. [جاپا-مۇشەققەتكە] چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى. | 27 |
믿음으로 애굽을 떠나 임금의 노함을 무서워 아니하고 곧 보이지 아니하는 자를 보는 것같이 하여 참았으며
ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» [پەرىشتىنىڭ] [ئىسرائىللارغا] تەگمەسلىكى ئۈچۈن [تۇنجى] «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى [بۇيرۇلغىنى بويىچە] سېپىپ-سۈركىدى. | 28 |
믿음으로 유월절과 피 뿌리는 예를 정하였으니 이는 장자를 멸하는 자로 저희를 건드리지 않게 하려 한 것이며
ئېتىقادى بولغاچقا، [ئىسرائىللار] قىزىل دېڭىزدىن خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق [ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن] مىسىرلىقلار ئۆتمەكچى بولغاندا سۇغا غەرق بولدى. | 29 |
믿음으로 저희가 홍해를 육지같이 건넜으나 애굽 사람들은 이것을 시험하다가 빠져 죽었으며
ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى. | 30 |
믿음으로 칠 일 동안 여리고를 두루 다니매 성이 무너졌으며
ئېتىقادى بولغاچقا، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، ئىتائەتسىزلەر [بولغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر] بىلەن بىرلىكتە ھالاك بولمىدى. | 31 |
믿음으로 기생 라합은 정탐군을 평안히 영접하였으므로 순종치 아니한 자와 함께 멸망치 아니하였도다
مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. | 32 |
내가 무슨 말을 더 하리요 기드온, 바락, 삼손, 입다와 다윗과 사무엘과 및 선지자들의 일을 말하려면 내게 시간이 부족하리로다
ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، [خۇدا] ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، | 33 |
저희가 믿음으로 나라들을 이기기도 하며 의를 행하기도 하며 약속을 받기도 하며 사자들의 입을 막기도 하며
دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. | 34 |
불의 세력을 멸하기도 하며 칼날을 피하기도 하며 연약한 가운데서 강하게 되기도 하며 전쟁에 용맹되어 이방 사람들의 진을 물리치기도 하며
[ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. | 35 |
여자들은 자기의 죽은 자를 부활로 받기도 하며 또 어떤 이들은 더 좋은 부활을 얻고자 하여 악형을 받되 구차히 면하지 아니하였으며
يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ | 36 |
또 어떤 이들은 희롱과 채찍질 뿐 아니라 결박과 옥에 갇히는 시험도 받았으며
ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى | 37 |
돌로 치는 것과 톱으로 켜는 것과 시험과 칼에 죽는 것을 당하고 양과 염소의 가죽을 입고 유리하여 궁핍과 환난과 학대를 받았으니
(ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى. | 38 |
(이런 사람은 세상이 감당치 못하도다) 저희가 광야와 산중과 암혈과 토굴에 유리하였느니라
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق. | 39 |
이 사람들이 다 믿음으로 말미암아 증거를 받았으나 약속을 받지 못하였으니
ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ. | 40 |
이는 하나님이 우리를 위하여 더 좋은 것을 예비하셨은즉 우리가 아니면 저희로 온전함을 이루지 못하게 하려 하심이니라