< ئىبرانىيلارغا 10 >

تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق [خۇداغا] يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ. 1
PWE kapung o iei motan dipisou en mur, a kaidin pein mom en dipisou, a sota kak kaunsok kilar mairong ota irail, me kin wia ir ada ni par karos.
بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. 2
A ma iei, arail mairong pan dukedi, pwe solar kataman pan dip en irail, me apwali mairong;
ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 3
Pwe mepukat kin wiaui, pwen katamanda dip ni par karos.
چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ. 4
Pwe ntan kau ol o kut sota kak wa sang dip akan.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ «نە قۇربانلىق، نە ئاتىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بولسا سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن مەن ئۈچۈن بىر تەن تەييارلاپ بەردىڭ؛ 5
Ari, ni a kotin pwara dong sappa, masani: Mairong o kisakis komui sota kotin mauki, a komui kotiki ong ia er pali war ai.
نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛ 6
Kom sota peren kida mairong isis o mairong men tom.
شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم». 7
I ap inda: Kilang, I kokodo, nan puk o me intingidier duen ngai, pwen kapwaiada kupur omui, Maing Kot.
ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن 8
Mas a masanier: Mairong, o kisakis, o mairong isis, o mairong men tom, kom sota kotin mauki, o kom sota kupur peren ki mepukat, me wiauier duen kapung o.
يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، [خۇدا] كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 9
Ap pil masanier: Kilang, I pwara don kapwaiada kupur omui. A kotiki sang men mas, pwen kapwaiada men mur.
خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، [خۇداغا] ئاتالدۇق. 10
Ni kupur wet kitail kasarauilar ki mairong en war en Iesus Kristus pan me pak.
ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى [خۇداغا] قايتا-قايتا سۇنىدۇ. 11
Samero karos me kasapwiladar, pwen apwali dodok ni ran karos o purepure mairong ota, me so kak lapwada dip akan.
بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛ 12
A men et, me kotin mairongki pan mepak dip akan, ap kaipokedi ni pali maun en Kot kokolata.
ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ. 13
O a kotin auiaui, lao a imwintiti pan wiala utipan aluwilu a kan.
ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى. 14
Pwe a kotin kaunsokila tom ta ieu karos, me pan kasarauila.
[مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ 15
Ngen saraui pil kotin kadede ong kitail duen mepukat, pwe murin a kotin masanier:
«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ 16
Iet inau, me I pan wiai ong irail murin ran pukat, me Kaun o kotin masanier: I pan ki ong mongiong arail ai kapung, o I pan intingiedi ong nan ngen arail.
«ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن. 17
Dip arail, o arail sapung kan I solar pan tamanda.
ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ. 18
A ma re lapwadar, ap solar mairong en dip pan wiaui.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، 19
Ari ri ai kan, ma a muei ong kitail er, en pedelong ong nan pera saraui ki ntan Iesus,
(ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) 20
Pwe a kotin wiai ong kitail er al en maur kap pot et lel pali lan likau ki uduk a.
شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، 21
A ma atail samero kasampwal en tanpas en Kot mia.
دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى! 22
Kitail ap pan pwaralang i ni melel en mongiong atail, o poson melel, o usupeki mongiong atail, o maio sang insen sued, o widenki pil makelekel war atail,
ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر) 23
O kitail en tengedi ong atail kadede en kaporopor o der wukiwuk sili, pwe i me melel, me kotikida inau o.
ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. 24
O kitail en apwali nan pung atail ni atail kainong iong limpok o wiawia mau kan.
بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. 25
O kitail ender dukedi sang atail mod ong kaudok pena, duen me kin wiaui ren akai. A kitail en nantiong panau pena, pwe komail kilang, me ran o me korendor.
ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، 26
Pwe ma kitail inong iong wia dip, murin atail marainiki melel, solar mairong men tom ki dip atail,
بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. 27
A kitail pan mimieta ni atail masak kadeik apwalia o ongiong en kisiniai, me pan karosela imwintiti kan.
ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. 28
Ma amen pan tiakedi kapung en Moses, a sota pan diar mak, pwe a pan kamela, ma saunkadede riamen de silimen mia.
ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟ 29
Ari, da me komail lamelame, duen me pan tiakedi Sapwilim en Kot, o kasaminela ntan inau kap, me a kasarauilar o lalaue Ngen en mak, a so pan kalokolok laud sang irail?
چۈنكى [تەۋراتتا] «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز. 30
Pwe kitail asa i, me masanier: Ikepa ai dok, I pan depuki ong. O pil eu: Kaun o pan kotin kapung ong sapwilim a aramas akan.
مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە! 31
Nan meid kalom, en lodi ong ni lim en Kot ieias.
ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 32
A komail tamanda ran en mas oko murin omail marainlar, ap dadaurata ni omail kalokolok laud.
بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. 33
Ni omail kenkaurur sansal o pan kidau o kamekam, o ni omail riane kin ir, me pil lel mesued.
چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. 34
Pwe komail iangaki me salidi kan ni ar kalokolok, o komail pil pereperen ni omail kapwa kan kulia wei sang, pwe komail asa, me komail aneki dipisou en lang, me mau sang o me sota pan sorela.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ. 35
Komail ari der kasela omail liki, me pan kareda katingpa lapalap.
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. 36
Pwe kanongama me mau ong komai, pwen kapwaiada kupur en Kot o konodi inau o.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدا] مۇنداق دېگەن: ــ «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»، «كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ. 37
Ansau tar kis, me onoper pan pwarado, a sota pan pwand.
بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ». 38
A me pung o pan maureki poson, a ngen i sota pan peren kida, ma a pan pure wei sang.
ھالبۇكى، بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز. 39
A kitail sota kisan ir, me pure wei sang, ap lokidokila, a kisan irail, me kin poson ap kamaur ngen arail.

< ئىبرانىيلارغا 10 >