< ئىبرانىيلارغا 10 >
تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق [خۇداغا] يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ. | 1 |
For the law having a shadow of the coming good things — not the very image of the matters, every year, by the same sacrifices that they offer continually, is never able to make perfect those coming near,
بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. | 2 |
since, would they not have ceased to be offered, because of those serving having no more conscience of sins, having once been purified?
ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. | 3 |
but in those [sacrifices] is a remembrance of sins every year,
چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ. | 4 |
for it is impossible for blood of bulls and goats to take away sins.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ «نە قۇربانلىق، نە ئاتىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بولسا سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن مەن ئۈچۈن بىر تەن تەييارلاپ بەردىڭ؛ | 5 |
Wherefore, coming into the world, he saith, 'Sacrifice and offering Thou didst not will, and a body Thou didst prepare for me,
نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛ | 6 |
in burnt-offerings, and concerning sin-offerings, Thou didst not delight,
شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم». | 7 |
then I said, Lo, I come, (in a volume of the book it hath been written concerning me, ) to do, O God, Thy will;'
ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن | 8 |
saying above — 'Sacrifice, and offering, and burnt-offerings, and concerning sin-offering Thou didst not will, nor delight in,' — which according to the law are offered —
يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، [خۇدا] كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. | 9 |
then he said, 'Lo, I come to do, O God, Thy will;' he doth take away the first that the second he may establish;
خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، [خۇداغا] ئاتالدۇق. | 10 |
in the which will we are having been sanctified through the offering of the body of Jesus Christ once,
ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى [خۇداغا] قايتا-قايتا سۇنىدۇ. | 11 |
and every priest, indeed, hath stood daily serving, and the same sacrifices many times offering, that are never able to take away sins.
بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛ | 12 |
And He, for sin one sacrifice having offered — to the end, did sit down on the right hand of God, —
ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ. | 13 |
as to the rest, expecting till He may place his enemies [as] his footstool,
ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى. | 14 |
for by one offering he hath perfected to the end those sanctified;
[مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ | 15 |
and testify to us also doth the Holy Spirit, for after that He hath said before,
«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ | 16 |
'This [is] the covenant that I will make with them after those days, saith the Lord, giving My laws on their hearts, and upon their minds I will write them,'
«ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن. | 17 |
and 'their sins and their lawlessness I will remember no more;'
ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ. | 18 |
and where forgiveness of these [is], there is no more offering for sin.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، | 19 |
Having, therefore, brethren, boldness for the entrance into the holy places, in the blood of Jesus,
(ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) | 20 |
which way he did initiate for us — new and living, through the vail, that is, his flesh —
شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، | 21 |
and a high priest over the house of God,
دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى! | 22 |
may we draw near with a true heart, in full assurance of faith, having the hearts sprinkled from an evil conscience, and having the body bathed with pure water;
ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر) | 23 |
may we hold fast the unwavering profession of the hope, (for faithful [is] He who did promise),
ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. | 24 |
and may we consider one another to provoke to love and to good works,
بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. | 25 |
not forsaking the assembling of ourselves together, as a custom of certain [is], but exhorting, and so much the more as ye see the day coming nigh.
ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، | 26 |
For we — wilfully sinning after the receiving the full knowledge of the truth — no more for sins doth there remain a sacrifice,
بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. | 27 |
but a certain fearful looking for of judgment, and fiery zeal, about to devour the opposers;
ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. | 28 |
any one who did set at nought a law of Moses, apart from mercies, by two or three witnesses, doth die,
ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟ | 29 |
of how much sorer punishment shall he be counted worthy who the Son of God did trample on, and the blood of the covenant did count a common thing, in which he was sanctified, and to the Spirit of the grace did despite?
چۈنكى [تەۋراتتا] «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز. | 30 |
for we have known Him who is saying, 'Vengeance [is] Mine, I will recompense, saith the Lord;' and again, 'The Lord shall judge His people;' —
مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە! | 31 |
fearful [is] the falling into the hands of a living God.
ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. | 32 |
And call to your remembrance the former days, in which, having been enlightened, ye did endure much conflict of sufferings,
بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. | 33 |
partly both with reproaches and tribulations being made spectacles, and partly having become partners of those so living,
چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. | 34 |
for also with my bonds ye sympathised, and the robbery of your goods with joy ye did receive, knowing that ye have in yourselves a better substance in the heavens, and an enduring one.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ. | 35 |
Ye may not cast away, then, your boldness, which hath great recompense of reward,
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. | 36 |
for of patience ye have need, that the will of God having done, ye may receive the promise,
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدا] مۇنداق دېگەن: ــ «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»، «كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ. | 37 |
for yet a very very little, He who is coming will come, and will not tarry;
بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ». | 38 |
and 'the righteous by faith shall live,' and 'if he may draw back, My soul hath no pleasure in him,'
ھالبۇكى، بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز. | 39 |
and we are not of those drawing back to destruction, but of those believing to a preserving of soul.