خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، | 1 |
مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. (aiōn g165) | 2 |
ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. | 3 |
شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى. | 4 |
چۈنكى خۇدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟ | 5 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. | 6 |
ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛ | 7 |
لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. (aiōn g165) | 8 |
سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى». | 9 |
خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ | 10 |
ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ | 11 |
سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر». | 12 |
يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ دېگەنىدى؟ | 13 |
شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا [خۇدا تەرىپىدىن] ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟ | 14 |