< ھاگاي 2 >
يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: | 1 |
Yǝttinqi ayning yigirmǝ birinqi küni, Pǝrwǝrdigarning sɵzi Ⱨagay pǝyƣǝmbǝr arⱪiliⱪ kelip mundaⱪ deyildi:
ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ | 2 |
— «Xealtiǝlning oƣli, Yǝⱨudaning waliyisi Zǝrubbabǝlgǝ, Yǝⱨozadakning oƣli, bax kaⱨin Yǝxuaƣa ⱨǝmdǝ hǝlⱪning ⱪaldisiƣa sɵz ⱪilip ulardin: —
«ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن. | 3 |
«Aranglardin ǝyni qaƣdiki xan-xǝrǝptǝ bolƣan bu ɵyni kɵrgǝnlǝrdin kim bar? Silǝr ⱨazir uningƣa ⱪandaⱪ ⱪaraysilǝr? Nǝziringlarda u ⱨeqnemigǝ ǝrzimǝydu, xundaⱪmu?» — dǝp soriƣin.
ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 4 |
— Biraⱪ ⱨazir, i Zǝrubbabǝl, jasarǝtlik bol, — dǝydu Pǝrwǝrdigar, — Yǝⱨozadakning oƣli, bax kaⱨin Yǝxua, jasarǝtlik bol; zemindiki barliⱪ hǝlⱪ, jasarǝtlik bolup ixlǝnglar, — dǝydu Pǝrwǝrdigar. — qünki Mǝn silǝr bilǝn billidurmǝn, — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar.
ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار. | 5 |
— Misirdin qiⱪⱪan waⱪtinglarda silǝrgǝ ǝⱨdǝ ⱪilƣan sɵzüm wǝ Mening Roⱨim aranglarda turup kǝldi; ⱨǝrgiz ⱪorⱪmanglar.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛ | 6 |
Qünki samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — — Yǝnǝ pǝⱪǝt azƣina waⱪittin keyin Mǝn asmanlar, yǝr yüzi, dengiz ⱨǝm ⱪuruⱪluⱪni tǝwritimǝn;
مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 7 |
Mǝn barliⱪ ǝllǝrni tǝwritimǝn; nǝtijidǝ ǝllǝrning sǝrhil ǝtiwar nǝrsiliri elip kelinidu. Mǝn muxu ɵyni xan-xǝrǝpkǝ toldurimǝn, — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar.
ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 8 |
— Kümüx Meningki, altun Meningki, — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar.
ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». | 9 |
— Bu ɵyning keyinki xan-xǝripi ǝslidikidin zor bolidu, — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar, — wǝ Mǝn muxu yǝrdǝ aramlik-hatirjǝmlikni ata ⱪilimǝn, — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar».
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 10 |
Darius padixaⱨning ikkinqi yili, toⱪⱪuzinqi ayning yigirmǝ tɵtinqi küni, Pǝrwǝrdigarning sɵzi Ⱨagay pǝyƣǝmbǝr arⱪiliⱪ kelip mundaⱪ deyildi: —
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ | 11 |
«Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Kaⱨinlarƣa sɵz ⱪilip ulardin Tǝwrat-ⱪanuni toƣruluⱪ: —
«بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «[خۇداغا] ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «[خۇداغا] ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن». كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى. | 12 |
«Birsi tonining etikidǝ «[Hudaƣa] atalƣan gɵx»ni kɵtürüp ketiwatⱪinida, uning etiki nanƣa, umaqⱪa, xarabⱪa, zǝytun mayƣa yaki ⱨǝrⱪandaⱪ ax-ozuⱪⱪa mundaⱪla tegip kǝtsǝ, undaⱪta u nǝrsilǝr «[Hudaƣa] atalƣan» bolamdu?» — dǝp soriƣin». Kaⱨinlar jawabǝn: «Yaⱪ» — dedi.
ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى. | 13 |
Wǝ Ⱨagay: «Birsi jǝsǝtkǝ tegip «napak» bolƣan bolsa, u bu ax-ozuⱪning ⱪaysibirigǝ tǝgsǝ, undaⱪta ax-ozuⱪ napak bolamdu?» — dǝp soridi. Kaⱨinlar jawabǝn: «U napak bolidu» — dedi.
ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ. | 14 |
Andin Ⱨagay jawabǝn mundaⱪ dedi: —«Pǝrwǝrdigar: «Əmdi bu hǝlⱪ, bu «yat ǝl» Mening aldimdimu xundaⱪtur, ularning ⱪollirida ixlǝngǝnlirining ⱨǝmmisimu xundaⱪtur, xuningdǝk ularning xu yǝrdǝ Manga ⱨǝrbir sunƣanlirimu napaktur» — dǝydu.
ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە، | 15 |
— Əmdi ⱨazir kɵngül ⱪoyup oylininglar — Bügündin baxlap, muxu waⱪittin tartip kɵrünglar — taki Pǝrwǝrdigarning ibadǝthanisidiki tax üstigǝ yǝnǝ bir tal tax ⱪoyulƣuqǝ,
شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى. | 16 |
xuningdin ilgiriki künlǝrdǝ, birsi «yigirmǝ kürǝ»lik bir dɵwǝ axliⱪni alƣili kǝlgǝndǝ, mana pǝⱪǝt on kürila qiⱪti; birsi xarab küpidin ǝllik komzǝk alƣili kǝlsǝ, mana pǝⱪǝt yigirmǝ komzǝk qiⱪti.
مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار. | 17 |
Mǝn ⱪolliringlar bilǝn ixligǝn barliⱪ ixliringlarda silǝrni judun, ⱨal wǝ mɵldür apǝtliri bilǝn urup kǝldim; biraⱪ silǝr yenimƣa ⱪaytmidinglar.
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛ | 18 |
Əmdi ɵtünimǝnki, kɵngül ⱪoyup oylininglar — bu kün, yǝni toⱪⱪuzinqi ayning yigirmǝ tɵtinqi künidin baxlap, muxu waⱪittin tartip, — yǝni Pǝrwǝrdigarning ibadǝthanisining ⱪayta ⱪuruluxini baxliƣan künidin keyinki ixlarƣa kɵngül ⱪoyup oylininglar;
دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن». | 19 |
danlar ambarƣa yiƣildimu? Üzüm talliri, ǝnjür, anar ⱨǝm zǝytun dǝrǝhliri ⱨeq mewǝ bǝrmidi. Biraⱪ Mǝn bu kündin baxlap silǝrni bǝrikǝtlǝymǝn».
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 20 |
Wǝ Pǝrwǝrdigarning sɵzi xu ayning yigirmǝ tɵtinqi küni Ⱨagayƣa ikkinqi ⱪetim kelip mundaⱪ deyildi: —
ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛ | 21 |
— Yǝⱨudaƣa waliy bolƣan Zǝrubbabǝlgǝ sɵz ⱪilip mundaⱪ degin: — — «Mǝn asmanlarni, zeminni tǝwritixkǝ tǝmxiliwatimǝn;
پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ. | 22 |
Padixaⱨliⱪlarning tǝhtini ɵrüwetimǝn, ǝllǝrning padixaⱨliⱪlirining küqini yoⱪitimǝn; jǝng ⱨarwiliri ⱨǝm uning üstidǝ olturƣanlarni ɵrüwetimǝn; atlar wǝ atliⱪ ǝskǝrlǝr, ularning ⱨǝrbiri ɵz ⱪerindixining ⱪiliqi bilǝn mollaⱪ atⱪuzulidu.
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». | 23 |
Xu künidǝ — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar — Mǝn seni, yǝni Xealtiǝlning oƣli Zǝrubbabǝlni alimǝn, — dǝydu Pǝrwǝrdigar — andin seni huddi mɵⱨürlük üzükümdǝk ⱪilimǝn; qünki Mǝn seni talliwaldim, — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar».